شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش تەپتىشى-شايارلىق مەشھۇر زات ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم

سابىت ئابدۇراخمان تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرنامە» دېگەن كىتابنىڭ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى بايان قىلغان بابىنىڭ ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپپاراتىنى تونۇشتۇرغان بۆلىكىدە باش تەپتىش -ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم نامىدا بىر ئىسىم ئۇچرايدۇ.

مۇھەممەدئىمىن بۇغرا(ئالدىنقى رەت ئوڭ تەرەپتە قارا كىيىملىك) خوتەننىڭ ئۆلىماسى بىلەن. 1933-يىلى خوتەن.
مۇھەممەدئىمىن بۇغرا(ئالدىنقى رەت ئوڭ تەرەپتە قارا كىيىملىك) خوتەننىڭ ئۆلىماسى بىلەن. 1933-يىلى خوتەن. (http://en.wikipedia.org)

0:00 / 0:00

گەرچە بۇ ئىسىم تارىخىي بايانلاردا كۆپ ئۇچرىمىسىمۇ، ئەمما شايار خەلقى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان ۋە چوڭ ياشتىكىلەر ئېغىزلىرىدىن چۈشۈرمەي ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ يۈرىدىغان قەھرىمان بىر زاتنىڭ ئىسمىدۇر. ھاجىئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد نىياز بولۇپ، شايارنىڭ ئەينى چاغدىكى داڭلىق بايلىرىدىن بىرى بولغان ئىمىن ئاخۇنۇم ئۇيۇشتۇرغان بىر مېھماندارچىلىقتا باشقىلار ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ «سىلى موللا بولغاندىكىن ئىماملىقلىرىنى قىلىپ، قەلەم ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن بولسىلا ياخشى بولار ئىدى، ئەلەمنىڭ ئىشى باش كېتىدىغان خەتەرلىك ئىشتۇر» دېگەن ئىكەن. ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ئۇلارغا كايىپ «قەلەمنىڭ ئىشىغا بىر قۇرئان يىتىدۇ، مەن ئۆزۈمنى ئەلەمگە ئاتىغان ھاجىم، نېمە بولسام پېشانەمگە پۈتۈلگەن تەقدىردىن بولسۇن. بۇندىن كېيىن مېنى موللام، ئاخۇنۇم، ئىمام دېمەي ھاجىئەلەم، دەپ ئاتاڭلار» دېگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد نىياز دېگەن ئىسىم ھاجىئەلەم ئاخۇنۇمغا ئۆزگىرىپ، خەلق ئارىسىدا ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئىكەن.

يۇقىرىقى پىكرىمىزنى دەلىللىگەن ئابدۇشۈكۈر سامساق چوڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-«شايار تارىخ ماتېرىياللىرى» دا بايان قىلىنىشىچە ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم شايار ناھىيىسىنىڭ قايلو يېزىسى دۈشەنبە بازىرىدىن بولۇپ، 1886-يىلى ئوقۇمۇشلۇق بىر دىنىي زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىك تۇرۇپلا دىنىي بىلىمدە كامالەتكە يىتىپ، قارىقۇرئان نامىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن -1899يىلى ئۆز مەھەللىسىدىكى مەسچىتكە ئىماملىققا تەكلىپ قىلىنغان. 1903-يىلى جامائەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1908-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1913-يىلى مەككىگە ھەجىگە بېرىپ، يۇرت ئايلىنىپ 1916-يىلى قايتىپ كەلگەن ۋە شايار ناھىيىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ چەتئەلدە كۆرگەن، بىلگەنلىرىگە ئاساسەن جەدىتچىلىك مائارىپىنى تەشۋىق قىلغان. ئەمما ئەينى زاماندا ياڭ زىڭشىڭ خەلقنى نادان تۇتۇش، بىخۇدلۇقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھاجىئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ يېڭىچە مائارىپ تەشەببۇسىدىن قورققان ياڭ زىڭشىڭ 1919-يىلى ھاجىئەلەم ئاخۇنۇمغا «خەلقنى قوزغىلاڭ قىلىشقا قۇتراتقان» دېگەن بەتنامنى ئارتىپ، تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم قەشقەرگە قېچىپ كەتكەن ۋە ئۇ يەردە يۈسۈپ قوقەن ئاتلىق بىر سودىگەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن. چەتئەللەرنى ئايلىنىپ 1927-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم شايارغا كېلىپلا قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىش تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. 1931‏-يىلى قۇمۇلدا خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم يېقىنلىرىدىن ئىمىنئاخۇن، ئەلابەگلەر بىلەن بىرلىكتە ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى ئىشغال قىلىدۇ.

بۇ جەرياندىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىچىككىنە بىر ۋەقەنى ئاڭلىغان ئابدۇشۈكۈر سامساق قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
‏-خوجانىياز ھاجى قوشۇنلىرى كۇچاغا كەلگەندە شايار بايلىرىدىن مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي توپلاپ، خوجانىياز ھاجىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىشىغا ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ئۆزى ئادەملىرى بىلەن بىرگە خوجانىياز ھاجى قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ. 1933-يىلى قەشقەردە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا دۆلەتنىڭ باش تەپتىشلىكىگە، قوشۇمچە شايار ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا سايلىنىدۇ. ئۇ شاياردا ھاكىم بولۇپ تۇرغان مەزگىللىرىدە يېڭىچە پەننىي مائارىپنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ، 34 يەردە يېڭىچە مەكتەپ ئاچقان. بۇ مەزگىللەردە شايارنىڭ يېزا ئىگىلىك، سودا، مائارىپ ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىدا زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشلار بولغان. خوجانىياز ھاجىم ئۈرۈمچىگە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا ماڭغاندا ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم بىرگە بېرىشنى خالىماي شاياردا قېلىپ قالغان. كېيىن خوجانىياز ھاجىم ئۈرۈمچىدە شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، قايتىدىن قولىغا قورال ئېلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئابدۇنىياز كامالنىڭ قوشۇنلىرىغا قوشۇلۇپ، شىڭ شىسەي ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى باتۇرلارچە جەڭ قىلىدۇ. ئابدۇنىياز كامال قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئابدۇنىياز كامال بىرلىكتە چەتئەلگە چىقىپ كېتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ئابدۇنىياز كامالنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى چۆللۈكتە ئاخىرقى ئوقى تۈگىگىچە جەڭ قىلىدۇ. ئاخىرى ئوقى تۈگەپ شىڭ شىسەي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە ئاپىرىلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 1943-يىلغىچە شىڭ شىسەي تۈرمىسىدە دەھشەتلىك قىيناشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ.