بۈگۈن، يەنى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماشىنا سوقۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە ۋەقە پەيدا قىلغان گۇماندارلار بىلەن بىللە جەمئىي 5 كىشى ئۆلدى، 38 كىشى يارىلاندى.
ۋەقە ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقە پەيدا قىلغان گۇماندارلار 3 نەپەر ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشقان. بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، گۇماندارلاردىن بىرى 43 ياشلىق يۈسۈپ ئۆمەر نىياز پىچاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدىن؛ يەنە بىرى 25 ياشلىق يۈسۈپ ئەخمەد بولۇپ، ئۇ خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن.
بۈگۈنكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، گۇماندارلار تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىكى رىشاتكىغا ماشىنىنى سوقۇشنىڭ ئالدىدا، يۇقىرى ئاۋازدا سىگنال بېرىپ كىشىلەرنى قېچىشقا بۇيرۇغان. قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەردىن ئىككى كىشى ئۆلگەن ۋە 38 نەپىرى يارىلانغان.
تەرەپسىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، گۇماندارلارنىڭ ۋەقەدە كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلمىغانلىقىنى، سىياسىي جەھەتتىن سىمۋوللۇق رولى بولغان تيەنئەنمېن سارىيىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.