گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ۋە  ۋە «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ساۋات» پائالىيىتىدە گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونىنىڭ رەئىسى مۇراد گېدىك ئەپەندى لېكسىيە بەرمەكتە. 2017-يىلى 5-فېۋرال، گوللاندىيە.
1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ۋە ۋە «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ساۋات» پائالىيىتىدە گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونىنىڭ رەئىسى مۇراد گېدىك ئەپەندى لېكسىيە بەرمەكتە. 2017-يىلى 5-فېۋرال، گوللاندىيە. (RFA/Pida’iy)

0:00 / 0:00

2017-يىلى5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ساۋات» قاتارلىق مول-مەزمۇنلۇق پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى پېشىندىن يېنىپ، 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجادىكى قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغانلارغا بېغىشلانغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قارىھاجى رىياسەتچىلىك قىلدى. جامائەت ئالدى بىلەن غايىۋانە دۇئايى-سالاملار يوللاپ، قەھرىمانلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈردى، ئاندىن، مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، «گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيونى» نىڭ رەئىسى مۇراد گېدىك ئەپەندىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا «تۈرك مىللەتچىلىكى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» ناملىق لېكسىيەدىن بەھرىمەن بولدى.

مۇراد گېدىك ئەپەندى بۇ لېكسىيەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىۋاتقان تارىخىي كەچمىشىلىرى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللەتچىلىكىدىكى تارىخىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

دەم ئېلىش پۇرسىتىدە غىزالىنىش، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشقان جامائەت يەنە، غۇلجا دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئابدۇسالام غېنى ئەپەندىنىڭ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە ئالاقىدار ئەسلىمىلىرىگە دىققەت بەردى.

ئابدۇسالام غېنى ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن ئۆزى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا ئېرىشكەن مەلۇماتلىرىنى ۋەتەنداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ ئالقىشلاندى.