خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ چارچاشتىن ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

چارچاشتىن ئۆلگەن ساقچى سەمەت ئابدۇكېرىم
چارچاشتىن ئۆلگەن ساقچى سەمەت ئابدۇكېرىم (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

ئۈندىداردىكى ساقچى خادىملىرى توپىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، خوتەننىڭ خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ سەمەت ئىسىملىك بىر خادىمى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چارچاشتىن ئۆلگەن، ئۇچۇردا سەمەتنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيەلەر بىلدۈرۈلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئۆلگەن ساقچىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئابدۇكېرىم ئىكەنلىكى ۋە 9-يانىۋار چۈشتىن كېيىن ئىشخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ قارىقاش پارتكومىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن 11 كۈن، گۇمىدا قېچىپ يۈرۈۋاتقان 3 نەپەر گۇماندارنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىدىن ئىككى كۈن كېيىنگە توغرا كېلىشى، نۆۋەتتىكى خوتەن ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ۋە ئەنسىزلىكىنى يەنە بىر نۇقتىدىن كۆرسىىتىپ بەرمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئاڭلىغىنىڭلار خانئېرىق ساقچىخانىنىڭ بايانلىرى، بۇ ئۇچۇرلاردىن سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ خىزمەت داۋامىدا ئىشخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ چارچاشتىن ئۆلگەن؛ ئەمما ئۇ، خوتەندە يۈز بەرگەن يېقىنقى ئىككى ۋەقەدىن كېيىنكى دېلو بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇقىملىق تەدبىرلىرىدە ۋەزىپە ئالغانمۇ-ئالمىغانمۇ، ئالغان بولسا قانداق ۋەزىپە ئالغان؟ بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن شەھەرلىك ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى، بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە يۇقىرى ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ساقچى سەمەت ئابدۇكېرىم خىزمەت ۋاقتىدا ھاياتىدىن ئايرىلغىنىغا بۈگۈن 5 كۈن بولغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مەيلى دۆلەت، مەيلى يەرلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى. سەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ خىزمەت داۋامىدا قانداق بېسىم ياكى خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى سالامەتلىك ئەھۋالى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر.