تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندىنىڭ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئىزاھات بېرىپ يازغان خېتى. مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى مۇخبىرلارغا رەئىنا رېستورانىدا 39 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى دېگەن ئىدى.
تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندىنىڭ د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئىزاھات بېرىپ يازغان خېتى. مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى مۇخبىرلارغا رەئىنا رېستورانىدا 39 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى دېگەن ئىدى. (RFA/Erkin Tarim)

0:00 / 0:00

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئەيىبلىشىگە ئىزاھات بەردى.

ئۇ خېتىنى مۇنداق باشلىغان: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھۆرمەتلىك سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مەن 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئا خابەر تېلېۋىزىيەسىدە بىر مۇخبىرنىڭ رەئىنا رېستورانىدا 39 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تېررورچى تېپىلدىمۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خەۋپسىزلىك خادىملىرىمىز قاتىلنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىدى، ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىپادىسىنى ئىشلەتتىم. بۇ باياناتتىن كېيىن سىز، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتى مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مېنى ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سوراشقا چاقىردىڭىز، بۇنىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولدى.»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قايناق ئەپەندى خېتىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوفنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن مەۋلۈت مەرت ئالتىنتاشنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنىڭ 80 مىليون تۈرك پۇقراسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاندەك، تېررورچى مەيلى ئۆزبېك، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، ئۇنىڭ مىللەت خەلقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، تېررورنىڭ مىللىتى يوقلۇقىنى، ئۇ ۋاقىتتا بىر ھۆكۈمەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ چاغدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەلكى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا بەزىدە خاتا چۈشىنىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دىئالوگ ئارقىلىق بۇ خاتا چۈشىنىشلەرنى تۈزەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ، 1989-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە قەھرىمانماراش شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئېسىقلىق ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ۋاقىتتا يۈرىكىنىڭ تىترەيدىغانلىقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى يازغان. ئۆزىنىڭ ھازىر ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەدە كۈتۈۋالسا سۆيۈنىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ھەممە ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قايناق ئەپەندى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئا خابەر تېلېۋىزىيەسىدە بۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن، بۇنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ خىتاي ئاخباراتلىرى باشلىق پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرى ئىستانبۇلدا 39 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن تېررور ۋەقەسىنى قىلغان كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتتى. بۇ باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيىنى بولدى؟ بۇ جاۋاب خەتنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار رازى بولدىمۇ؟ تېررورچىنىڭ قىرغىزىستان پۇقراسى ئۆزبېك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار خاتىرجەم بولدىمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن مۇئاۋىن باش مىنىستىر نامىدىن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەت توختى ئەپەندى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندىنىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە كۆلەڭگە چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەمەت توختى ئەپەندى، مۇئاۋىن مىنىستىر يازغان بۇ خەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە چاپلانغان بۇ قارىنى يۇيۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەت توختى ئەپەندى مۇئاۋىن باش مىنىستىرنىڭ بۇنداق بىر بايانات بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك، بىرى ئۇيغۇرلارغا قارا چاپلىغاندا ئۇيغۇرلار ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىنكاس قايتۇرسا، ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەدىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان ئىدى، تېررورچى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارمۇ خاتىرجەم بولۇشقا باشلىدى.