ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى دوكلات كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى ئالدىغا سېلىپ، ئويمۇ-ئوي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 9-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى ئالدىغا سېلىپ، ئويمۇ-ئوي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 9-ئاۋغۇست، ئاقسۇ. (AFP)

0:00 / 0:00

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 11-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلات خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي بولمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتەك بۇ ھەرىكەتنى «دەھشەتلىك بىر قىلمىش» دەپ ئاتىدى.

11-سېنتەبىر كۈنى«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «خىتاي، شىنجاڭدىكى سىياسىي ئۆگىنىش تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىڭلار» ناملىق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بىر قاتار پاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېيىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ماھىيىتى ئېچىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل «سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئالاھازەل بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ مىڭلارچە كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» قەشقەر ۋە كورلادا بۇ خىلدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامالغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بىرمۇنچە تۇغقانلىرى بۇ يىل ئەتىيازدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە ئايدىن كېيىن «تەربىيە» نى تۈگىتىپ قايتىپ چىققان، يەنە بەزىلىرى ھېلىھەم «تەربىيىلەنمەكتىكەن». زىيارەت قىلىنغان كىشىلەر، تۇغقانلىرى تۇتۇپ كېتىلگەندە ئۆزلىرىگە ھېچقانداق جىنايەت پاكىتى ياكى قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغان ساقچىلارنىڭ قايسى ئورۇندىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمىگەنلىكىنى، ھەتتا تۇغقانلىرىنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون زىيارىتىمىز جەريانىدا، بۇ ۋەزىيەتنى «دەھشەتلىك» دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دەھشەتلىك بىر ئىش. كىشىلەرنى ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش، يەنى ئۇلارغا بىر ئېنىق سەۋەب، ئېنىق ئورۇن ۋە جەريان كۆرسەتمەي تۇرۇپ ئۇلارنى قانۇنىي قولغا ئېلىش تەرتىپلىرىنىڭ سىرتىدا قولغا ئېلىش ئىشى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدىغان بىر ھادىسە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى مىڭلارچە كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەقسەتلىرىنىڭ دەھشەتلىك بىر بېشارىتى.»

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يۇقىرىقىدەك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە سولىنىپ تەربىيىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى ھەرەمگە ھەج قىلغىلى بارغان، بەزىلىرى چەتئەللەرگە تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغان، بەزىلىرى ئىسلامى تۈستە كىيىنگەن ياكى بولمىسا ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان تۇغقانلىرى بولغانلار ئىكەن. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ ئىلگىرى بۇ خىل مەركەزلەر ھەققىدە بىر خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، ئۇلار خەۋىرىدە بۇ مەركەزلەرنى «رادىكاللىقنى تۈگىتىش تەربىيىلەش مەركىزى» ياكى «مائارىپ بىلەن ئۆزگەرتىش تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغان ئىدى.

رادىيومىز مۇشۇ خىلدىكى ئورۇنلاردا تەربىيەلىنىۋاتقان كىشىلەر ۋە شۇنداقلا بۇ مەركەزلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلارنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، بۇ ئورۇنلاردا تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پەقەت چەتئەلدىكى تۇغقىنىغا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلىرىنىڭ 6 يىل ئاۋۋالقى بىر تويدا تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن سولاپ قويۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئارىدىكى بىرى رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئورۇنلاردا يەنە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»نىڭ دوكلاتى ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈلگەن ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ ياش قورۇمىنىڭ 15 ياشتىن 65 ياشقىچە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقىنى ۋە مۇھىمى بۇ خىلدىكى ئورۇنلارنىڭ «تەن جازاسى مەركەزلىرى» گە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە بىر كىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي سەۋەب كۆرسىتىلمەي تۇرۇپ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا ھەم شۇ كىشى ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە بىر قورقۇنچلۇق ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ زوراۋانلىققا، تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنداق ئورۇنلارغا سولانغان كىشىلەر ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى قىلمىسا، ئۆزگەرمىسە، ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمىسە قىيناققا ئېلىنىدۇ. تەن جازاسىغا ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ روھىي جەھەتتىن قىيناشقا ئۇچرايدۇ. چۈنكى بىر كىشىنى ئېتىقادىدىن، ئۆز كۆز قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ئۆزىمۇ ناھايىتى زور بىر روھىي جازادۇر.»

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجادىكى يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەتىگەنلىك پائالىيىتىنى «بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى» دەپ باشلايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 18 يىللىق قاماق جازاسىنى تۈگىتىپ تېخى ئەمدىلا ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان سابىق «5-فېۋرال» مەھبۇسلىرىدىن تارتىپ، «خاتا سۆزلەپ قالغان» دۆلەت كادىرىغىچە ۋە ھەتتا «مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلمىغان» كومپارتىيە ئەزاسىغىچە ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ كىشىلەرنى يىغىۋېلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ پەرىزىمىزچە، مەيلى ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت بولسۇن ياكى بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بولسۇن، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقانداق يوسۇندا ئىپادىلىنىشىنى ھەم شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئىجرالىرى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر تەنقىدنى ‹دۆلەتكە قارشى چىققانلىق› دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ كىشىلەرنى ‹خەتەرلىك› دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشىمىز كېرەك، دېگەنگە ئىشىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى يوللۇق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنى ھەتتا بالىلارنىمۇ تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىشتا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى ۋە «كىشىلەرنى قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا مەجبۇرىي سىياسەت ئۆگىتىش ھۆكۈمەتتىن نەپرەتلىنىشنى كۈچەيتىدۇ ھەرگىزمۇ ساداقەتنى كۈچەيتمەيدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.