ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىرتقا بىلىنمىگەن يەنە بىر يۈزى (2)

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى. (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

شاھىتلار ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىرتقا بىلىنمىگەن يەنە بىر يۈزىنى ئاشكارا قىلماقتا.

ئىلگىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

«سىياسىي يېتەكچى» لەر ۋە ئۇلارنىڭ مەخپىي ۋەزىپىسى

ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېتلىرىدا «سىياسىي يېتەكچى» نامىدىكى مەخسۇس خادىملارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «سىياسىي يېتەكچى» لەر مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى سىياسىي ئاكتىپلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن تاللىنىدىكەن. ئۇلار ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا مەخپىي تۈردە تەربىيەلىنىشكە باشلايدىكەن. سىياسىي جەھەتتىن مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان بۇ ئوقۇغۇچىلار كېيىنچە ئۆزلىرى ئوقۇغان فاكۇلتېتقا ئېلىپ قېلىنىپ، ئۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋىي خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «سىياسىي يېتەكچى» لەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى فاكۇلتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت پارتكوم ئىشخانىسىدىن بېرىلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ پارتكوم ئىشخانىسى ھەتتا «سىياسىي يېتەكچى» لەرگە بىر يىلدا «سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىسى بار» دەپ قارالغان قانچە ئوقۇغۇچىنى تورغا چۈشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدىكەن. ئۇلار يىل ئاخىرىدا قانچە ئوقۇغۇچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋىي خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە قاراپ مۇكاپات ئالىدىكەن.

ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە مىللىي نىسبەتتىكى ئۆزگىرىش

ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە، شۇ جۈملىدىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ مىللىي تەركىبىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار 70% نى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا يەرلىك مىللەتتىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئاران 30% نى تەشكىل قىلىدىكەن.

بۇ نىسبەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار 60% نى، خىتايلار 40% نى تەشكىل قىلىشتەك ھالەتتىن نۆۋەتتە تەتۈرسىگە قاراپ ئۆزگەرمەكتىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئېلىش ئېلانىدا مەيلى ئۇيغۇرلار ياكى خىتايلار بولسۇن، «چوقۇم ماگېستېرلىقتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش» دەپ شەرت قويۇلسىمۇ، ئەمما مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت، ئارقا سەپ ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىق ئورۇنلىرىغا بىڭتۇەن ياكى ھەربىي سەپتىن بوشانغان ھەتتا باكالاۋرلىق ئوقۇش تارىخىمۇ بولمىغان خىتايلار ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلىمەكتىكەن.

ئالىي مەكتەپلەردىنى مەمۇرىيەت ئىشخانىسى بىلەن پارتكوم ئىشخانىسى

ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممىسىدە مەمۇرىيەت ئىشخانىسى بىلەن پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەمۇرىيەت ئىشخانىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدىكەن. مەمۇرىيەت ئىشخانىسىدا كۆپىنچە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر خىزمەت قىلىدىكەن. مەمۇرىيەت ئىشخانىسى گەرچە دەرىجە جەھەتتىن پارتكوم ئىشخانىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدىكەن.

پارتكوم ئىشخانىسى مەكتەپ سېكرېتارىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەگە دائىر خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئادەتتە پارتكوم ئىشخانىسىدا كۆپىنچە خىتايلار خىزمەت قىلىدىكەن.

چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە سىياسىي ئۆلچەم

ئۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر يىلى چەتئەللەرگە مەلۇم ساندا ئوقۇغۇچى چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى تاللاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەمنىڭ سىياسىي ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەلگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن پارتىيە ئەزاسى بولغان، سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ھەمدە ئوقۇش نەتىجىسى ئىلغار بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىدىكەن.

ئۇلار چەتئەلگە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولىدىكەن ھەمدە ھەر ئايدا بىر ياكى بىر قانچە قېتىم خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۆز ئوقۇشى ياكى باشقا ۋەزىپىلىرى ئۈستىدىن دوكلات بېرىدىكەن.

ئۇ شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ئايدا ئۆز ئوقۇشىدىن دوكلات قىلىپ، ئەلچىخانىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندە 6 تۈمەندىن 10 تۈمەن ياپونىيە يىنىغىچە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسورلارنىڭ لېكسىيەسىنى مەخپىي ئاڭلاش

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، مەكتەپ پارتكومنىڭ مەخسۇس ئادەم قويۇپ چەتئەللەردىن تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسورلارنىڭ لېكسىيەلىرىنى مەخپىي ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەللىك پروفېسسورلار تەكلىپ بويىچە دەرس سۆزلىگەندە ياكى لېكسىيە بەرگەندە ئوقۇغۇچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان مەخسۇس خادىملار نەق مەيداندا ئاڭلايدىكەن ھەمدە يازما خاتىرىسىنى مەكتەپ پارتكومىغا تاپشۇرىدىكەن.

ئۇ مەكتەپ مەمۇرىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا گېرمانىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان بىر ئايال پروفېسسورنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىكى لېكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما بۇ ۋاقىتتا مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ بىر خىتاي مۇئاۋىن باشلىقى مەكتەپ پارتكومىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن چەتئەل تىلى ئىنستىتۇتىدىكى مەلۇم بىر مەخسۇس خادىمنى لېكسىيەنى مەخپىي ئاڭلاپ دوكلات قىلىشقا سالغان.