ھەر خىل مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەر جۇغلانغان ئامېرىكاد ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ رەڭدار مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئاممىۋى مەدەنىيەت فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئاممىۋى مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، فېستىۋالغا قاتناشقان ھەر خىل مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىسرالىرى بولغان گۈزەل سەنئەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى، يېمەكلىكلەرنى تەييارلايدۇ ۋە كۆرگەزمە قىلىدۇ.
بۇ خىل بايراملاردىن، فېستىۋال ئۇيۇشتۇرغۇچى يەرلىك ھۆكۈمەت مەدەنىيەت مەھكىمىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى نامايەن قىلىش ۋە ساقلاپ قېلىشقا بولغان قوللاشنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شتاتىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان لوۋېل مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالىمۇ ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى فېستىۋاللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل ماسساچۇستىس شتاتىنىڭ لوۋېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق لوۋېل مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە داۋام قىلغان. مانا بۇ قېتىمقىسدا ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنىىتىمۇ نامايان قىلىندى.

لوۋېل فېستىۋالغا ماسساچۇسېتس شتاتلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت كېڭىشى مەبلەغ سالغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك شاگىرتلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەدەنيەت تۈرلىرى بويىچە، سەككىز يېتەكچى سەنئەتكار ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى تەكلىپ قىلىنغان. بۇ تۈر بويىچە، سەنئەتكارلار قاتارىدا ئۇيغۇر فوتوگراف ۋە ئۇستا خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنەۋۋەرمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
لوۋېل شەھەر مەركىزىدىكى لوۋېل دۆلەتلىك تارىخ باغچىسى، كوچىلار بۇ فېستىۋال ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ھازىرلانغان بولۇپ، ھەر بىر ئوخشىمىغان سەنئەت ۋە سەنئەتكارلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەندە قىلىدىغان ئايرىم كۆرگەزمە كەپىسى تەييارلانغان ئىكەن. سەنئەتچىلەر ۋە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئەۋرىشكىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش پائالىيىتى 3 كۈن داۋام قىلغان. بايرام جەريانىدا زىيارەتچىلەر سانى 150 مىڭدىن ئاشقانىكەن.
لوۋېل يەرلىك تور گېزىتلىرىدىن قۇياش( The Sun) تورىنىڭ بۇ فېستىۋال ھەققىدە تارقاتقان خەۋىرىىدە مەزكۇر فېستىۋالغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى 2017-يىلىدىن باشلاپ مەكتەپلەردىن رەسمىي چەكلىگەنلىكى، ھازىر بوستوندا ياشاۋاتقان ئابلىكىم ئەمەتنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ مىراسنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنداقلا «ئابلىكىم ئەمەتكە نىسبەتەن، شاگىرت تۇتۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش دېگەنلىك» دەپ تەسۋىرلەنگەن.

بىر يىلدىن بۇيان ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ ھۆسنىخەت يېزىشنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىۋاتقان مۇنەۋۋەر ئابدۇللا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لوۋېل فېستىۋالىغا ئۇستازى ئابلىكىم بىلەن تەڭ قاتنىشىپ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى، بايرام جەريانىدا باشقىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇنەۋۋەر ئابدۇللا ئاۋىسترالىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشى ئۇنى بۈگۈن ئامېرىكادىكى بىردىنبىر كەسپىي ئۇيغۇر خەتتات سانالغان ئابلىكىم ئەمەتكە ئېلىپ بارغانىدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەدرىجىي نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنەۋۋەر ئابدۇللا، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى دەرسىنىڭ ئامېرىكادا تۇنجى قېتىم رەسمىي دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بوستوندىكى ياشلارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە تىلىنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان باسقۇچتا، يەنى 2017-يىلى ئامېرىكاغا ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ كەلگەن، ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان داڭلىق ئۇيغۇر فوتوگراف ۋە ئۇستا خەتتات ئابلىكىم ئەمەت بوستوندا ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش تۈرىگە ئاجراتقان «ئەنئەنىۋى سەنئەت تۈرلىرى ئۈچۈن شاگىرت تەربىيەلەش» تۈرى بويىچە، مۇنەۋۋەر ئابدۇللانى شاگىرت تۇتۇپ بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانىدى.
2023-يىللىق لوۋېل مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالى تورىدىكى، فېستىۋالغا قاتناشقان سەنئەتكارلار تونۇشتۇرۇلغان سەھىپسىىدىكى ئابلىكىم ئەمەت ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتا، ئۇنىڭ كەسپى، ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش بېرىلگەنىكەن.

ئۇنىڭدا خەتتات ئابلىكىم ئەمەتنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داڭلىق ھۆسنخەت نىياز كېرىمنى 18 يېشىدىن باشلاپ ئۇستاز تۇتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەدەنىيەت ۋە مىللەت جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىگە يېقىن دەپ قارايدىغان مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خەتتاتلىق سەنئىتىنى بىلىمنىڭ ئاچقۇچى سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ئامېرىكاغا كۆچۈپ كەلگەن ئابلىكىمنىڭ ھۆسنخەت ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق فېستىۋال جەريانىدا كىشىلەر بەكرەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قىزىقىپ سوئال سوراشقان. ئۇ، فېستىۋالدا ئۇيغۇر ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنىڭ خاسلىقى ۋە گۈزەللىكنى نامايەندە قىلغاندىن باشقا، بايرامغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەم تارىخىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن تېخىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئابلىكىم ئەپەندى يەنە، ئامېرىكانىڭ باشقا جايلىرىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ھەر خىل ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىكى يەرلىك مەدەنىيەت-سەنئەت فسېتىۋاللىرى بىلەن تونۇشۇشى، بۇلارغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا خاس ھۆنەر، كەسپ، سەنئەتلەرنى تونۇشتۇرۇشى ھەمدە بۇلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.