گۇننار ياررىڭ نامىدىكى مەركىزىي ياۋروئاسىيا يىغمىسى ۋە ئۇنىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى ئېچىۋېتىلدى (2)

شىۋېتسىيەلىك ياش تەتقىقاتچى پاترىك خەلزون ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە خوتەندە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالە ئوقۇماقتا. 2015-يىل ئۆكتەبىر، خوتەن.
شىۋېتسىيەلىك ياش تەتقىقاتچى پاترىك خەلزون ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە خوتەندە چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقالە ئوقۇماقتا. 2015-يىل ئۆكتەبىر، خوتەن. (RFA/Qutlan)

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ توپلىغان زور تىپتىكى ئىلمىي يىغمىنىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ئالىي بىلىم يۇرتى-سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىشى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئىلمىي خادىملار، «بۇ دۇنيا تۈركولوگىيەسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆز تۇپرىقىغا قايتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى» دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە «20-ئەسىردە دۇنيا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ يېتەكچى مەركىزى ياۋروپا ۋە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى بولغان بولسا، 21-ئەسىردىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزى تۈركىيە ھەمدە شەرقتىكى ئەللەر بولۇپ قالىدۇ،» دەپ ھېسابلىماقتا.

ئەسلىدە سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدىن ئورۇن ئالغان «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» نىڭ 2012-يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىشى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

«گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» نىڭ سىتوكھولمدىن ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلۈش ۋە ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىگە ئېچىۋېتىلىش قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشقان شىۋېت تەتقىقاتچىلىرىدىن پاترىك خەلزون ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» دا ساقلىنىۋاتقان 5 مىڭدىن ئارتۇق قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللار نەچچە ئون خىل تىل-يېزىقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇندىن باشقا يىغمىدىكى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن توپلانغان تىل، تارىخ، تېبابەت، دىن، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەتكە دائىر قوليازمىلار ھەمدە تەزكىرىلەر زور قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بەزى ئەسەرلەرنىڭ دۇنيادىكى يېگانە نۇسخىسى بۇ يەردە ساقلانماقتىكەن.

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» غا توپلانغان زور تىپتىكى ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىلمىي ۋە ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇمكى، تۈركىيە-تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىدىن بىرى. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ياشاۋاتقان بىپايان تۇپراقلار ئىچىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى ئەڭ بالدۇر باشلىغان شۇنداقلا ئۇنى كۆلەملەشتۈرگەن ئەللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى دۇنيا تۈركولوگىيەسىدىكى ئەڭ مول مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» نىڭ ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلۈشى «ئۇنىڭ ئۆز ئىگىلىرىگە يېقىنلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ قارايدۇ.

شىۋېتسىيەدە يېتىشىپ چىققان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن پاترىك خەلزون ئەپەندى ئۆزىنىڭ «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى، بەلكىم بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر تېمىسى ئىچىدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.