گۇمىدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە خادىملىرىغا قارشى پىچاقلىق ھۇجۇمىدا ئىككى تەرەپتىن 8 كىشى ئۆلگەن

بازاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پىدائىيلار تەرىپىدىن پىچاقلانغان پەرىدە كۈرەشكە. 2014-يىلى، گۇما.
بازاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پىدائىيلار تەرىپىدىن پىچاقلانغان پەرىدە كۈرەشكە. 2014-يىلى، گۇما. (RFA)

0:00 / 0:00

10-ئۆكتەبىر كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئىككى نەپەر پىدائىي بىر موتسىكلىت بىلەن گۇما ناھىيە ئىچىدىكى چاسا مېۋە-چېۋە بازىرىدا پەيدا بولغان، ئۇلاردىن بىرى موتسىكلىتتىن چۈشۈپ بازاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى خادىمى پەرىدە كۈرەشكە پىچاق تىققان، ئارقىدىن موتسىكلىتقا تەكرار مىنگىشىپ چاسا بازاردىن دەرھال ئۇزاقلاشقان؛ ئۇلار چاسا بازاردىن 500 مېتىرچە ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن يولدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەنە بىر ياردەمچى ساقچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن. يولبويى يالغۇز ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى نەپەر پىدائىي شۇ كۈنى كەچكىچە جەمئىي 6 نەپەر خادىمنى ئۆلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن 3 نەپىرى ساقچى، 3 نەپىرى ھۆكۈمەت خادىمى. جۈمە كۈنى كەچتىن باشلاپ گۇما ناھىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆي ئاختۇرۇش ۋە كوچا چارلاش داۋام قىلغان. ئىككى نەپەر پىدائىي يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6دە گۇما ناھىيە بازىرىدا تەكرار پەيدا بولغان، ئۇلار ساغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىنلاشقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ كۆكتېرەكتىكى ساقچى خادىمى ۋە كەنت مەسئۇللىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.