ئۈچ كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر ئۇچۇردا قەشقەر شەھىرىنىڭ يابېشى ئاھالىلەر رايونىدا بىر قىمارخانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدا 8 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 4 ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما ۋەقە خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنماي كەلگەن ئىدى.
بۈگۈن مۇخبىرىمىز مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. قەشقەر شامالباغ ساقچىخانىسى ۋە قەشقەر 1-دوختۇرخانىنىڭ خادىملىرى ۋەقەنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، شۇ كۈنى 6 نەپەر پىدائىي يابېشى تەۋەلىكىدىكى بىر قىمارخانىغا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما قىمارخانا خادىملىرى ئىشىكنى تاقىۋېلىش ئارقىلىق ھۇجۇمچىلارنى ئىچىگە كىرگۈزمىگەن.
ھۇجۇمچىلار قىمارخانا ئالدىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن 8 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، ۋە ئۇلارغا تەۋە بىرقانچە موتسىكلىت ھەم ماشىنىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپىرىنى ئېتىپ تاشلىغان، ئىككى نەپىرىنى ئەسىرگە ئالغان.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.