يەكەن 8-مارت ھۇجۇمىدا قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجاڭ ئايالى ۋە تاغىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن

پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ كۆيدۈرۈلگەن ساقچى ماشىنىلىرى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ كۆيدۈرۈلگەن ساقچى ماشىنىلىرى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن. (Oqurmenler Teminligen)

0:00 / 0:00

بۈگۈن مۇخبىرىمىز ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان ۋە خىتاي ئاخباراتى تېخىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان 8‏-مارت ھۇجۇمى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەدە يەكەننىڭ تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى فاڭ كېجاڭ ئايالى ۋە تاغىسى بىلەن بىرلىكتە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقە يەكەن ناھىيە ئىچىدىكى كەچلىك بازارنىڭ ئالدى ۋە كونا قوراللىق قىسىم بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن.

ۋەقەدە شۇ جايدا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق ساقلاش خادىمى باتۇر مەمەت ۋە ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغان 7 نەپەر پىدائىي بولۇپ جەمئىي 11 كىشى ئۆلگەن، 4 كىشى يارىلانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى توغرىلىق، ۋەقەدە ئۆلگەن ئامانلىق خادىمى باتۇر مەمەتنىڭ ئاكىسى تۇرغۇن مەمەت ۋە ساقچى خادىمى راخمان ئوبۇلنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.