ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، جۈمە كۈنى يەنى 13-فېۋرال كۈنى بېلىگە بومبا تاڭغان بىر نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا قارىتا ئۆزىنى پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ۋەقەدە 8 ساقچىنىڭ 30 غا يېقىن ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
بۇ ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، ھۇجۇمچى ئاۋۋال ساقچىلاردىن بىر نەپىرىنى قۇچاقلاپ سۆرىگەن ۋە باشقا ساقچىلار سەپدىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن توپلىشىپ كەلگەندە بېلىدىكى بومبىنى پارتلاتقان.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساقچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ سانى ئېنىق دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، جۈمە كۈنى قانلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى دەلىللەندى.
ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە گۇما كونابازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا كەچ سائەت 9لاردا يۈز بەرگەن، 20 ئەتراپىدا ساقچى ماشىنىسى شۇ كېچىسى گۇما ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا يارىدارلارنى توشۇش ۋە كۆزىتىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغان.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.