خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە زىيالىيلار خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

8 - ئىيۇل كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەردە مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" نىڭ يۈز بېرىشىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قولغا ئېلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. (RFA Photo / Shohret Hoshur)

0:00 / 0:00

11 - ئىيۇل كۈنى،خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ لوندوندىكى باش ئورگىنى بولغان تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەر ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىش كومىتېتى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەئىىيتىنىڭ ئەزاسى ئۇيغۇر يازغۇچىسى، ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ ساھىبى، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ھەققىدە 2009‏ - يىل 27‏ - نومۇرلۇق جىددىي ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى. ئاخباراتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىلھام توختىنى قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يازغۇچى ئىلھام توختىنى "پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىم" نىڭ 19‏ - ماددىسىغا ئاساسەن دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئالما گېزىتىنىڭ 12 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بېيجىڭدىكى خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۈڭ بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى قۇرغان "ئۇيغۇربىز تور" بېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇربەكرى تەرىپىدىن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى " نامايىشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز دەپ تەنقىدلىدى.

ۋاڭ لىشۇڭ باياناتىدا، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەسلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسى نۇربەكرى قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىق ھەرىكىتىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇربىز تور بېتىگە ئارتىپ قويۇشىنى قاتتىق تەنقىدلىدى. ۋاڭ لىشۇڭ خېتىدە،خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىشى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىپ ۋەزىيەتنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بوشۈن تور بېتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، خەلقئارادىكى 158 نەپەر ئىلىم ئەھلىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە يازغان ئىمزالىق خېتى ئېلان قىلىندى. خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى 8 تەلەپ قويۇلدى.

1. ئىلھام توختى ئەپەندى،كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇ مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان جامائەت ئەربابى، ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، جىنايەتكار دەپ جازالانماسلىقى كېرەك.

2. " ئۇيغۇر بىز "تور بېتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تور بېتى، بۇ تور بېتى بۆلگۈنچىلىكنى ۋە زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلمىدى.

3. ئۇيغۇربىز تور بېتى تورداشلارنىڭ ئوز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىدىغان تور بېتى بولۇپ،تور ئابۇنتلىرىنىڭ پىكرى ۋە كۆز قارىشى پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە، بۇنىڭغا تور بېتى جاۋابكار بولماسلىقى كېرەك، بۇ خەلقئارا تور قانۇنىدا بەلگىلىگەن قائىدە ۋە تۇزۇم.

4. ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، قانۇندىن يوچۇق ئىزدەپ باشقىلارنى بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇربانلىقى قىلماسلىقى كېرەك.

5. ئىلھام توختى ئەپەندىگە قارىتا قوللىنىلغان ھەر قانداق جازا، مىللەتلەر ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ،ئەقلىي دىئالوگ دائىرىسىنى تارايتىپ،مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

6. ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپ پروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇستىدىن ئەيىبلەش ئېلىپ بارماقچى بولسا،چوقۇم ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خەلقنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

7. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئاشكارا باياناتىدىكى پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئادۋوكاتنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا يول قويۇش، ھۆكۈمەت تەرەپ ئادۋوكات بەلگىلىمەسلىكى كېرەك.

تەلەپنامىنىڭ 8 - ماددىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇپ، زىيالىيلارنىڭ ئاخىرىقى تەلىپىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: "بىز ھۆكۈمەتنىڭ شۇ نەرسىگە دىققەت قىلىشىنى تەكىتلەيمىزكى، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان بىر زىيالىي دۈشمەن دەپ قارالسا، ئۇنداقتا كىم دوست ھېسابلىنىدۇ ؟ ئۇ چاغدا ھۆكۈمەتكە خۇشامەتچىلىك قىلىدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دۇشمەن ھېسابلىنامدۇ ‏ - قانداق ؟ خىتايدىكى مىللىي مەسىلىمۇ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ، خالاس!"

uighurbiz.net تور بېتىنىڭ 10 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە،ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرى ساۋ گوشىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇربىز تور بېتى ھەققىدە توختالغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ 2 يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن تور بېتىنىڭ چەتئەلگە يۆتكىلىپ، قايتا ئېچىلغان بولسىمۇ لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ كوپ قېتىم تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 3 - ئايدا فرانسىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ۋە ھازىرقى رەئىسى نۇربەكرىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۇچۇن بۇ قېتىم " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى " پارتلىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇربەكرىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇربىز توربېتىنى بۇ ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، ئىلھام توختىدىن ئوچ ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئىلھام توختىنىڭ 8 - ئىيۇل كۈنى كېچە سائەت 12:50 دە بېيجىڭدىكى تورداش دوستىغا تېلېفون قىلىپ، " مەن ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم،بۇ بەلكىم سىزنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئاۋازىنى ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىشىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى جانابلىرى، ئۇيغۇربىز تور بېتىنى بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ، بۇ ماڭا قىلىنغان تۆھمەت،مەن ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغىنىم يوق، زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىك ھەر قانداق مىللەتكە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، ھېچكىممۇ مىللىي ئۆچمەنلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان تراگېدىيىلىك ئاقىۋەتنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ "دېگەنلىكىنى يازدى.

ئۇيغۇربىز ۋە ۋەتىنىم تور بېتىدىكى تورداشلار ئىلھام توختىنىڭ بۇ قېتىم قولغا ئېلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئوز ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل 3 - ئاي مەزگىلىدە فرانسىيە زىيارىتى جەريانىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا، ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ھەم نۇر بەكرىنى " لاياقەتلىك رەئىس ئەمەس" دەپ تەنقىدلىگەنلىكى ئۇچۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون باشلىقلىرىدىن نۇربەكرى قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىم " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى باھانە قىلىپ ئىلھام توختىدىن ئوچ ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈنۈگۈن ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان، ۇيغۇر ئىلىدىكى مەلۇم بىر زىيالىي ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون ئارقىلىق، ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدە ئۇيغۇربىز تور بېتىگە ماقالە يازىدىغان بارلىق تور ئابونتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلغان.