خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىسمائىل سەمەتكە بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمى 8- فېۋرال كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9 دا ئىجرا قىلىندى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەت 2003- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئىسمائىل سەمەتنى بۆلگۈنچى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلەپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ئىچىپ، 2005 - يىلى 31- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. خىتاي سوتىنىڭ ئىسمائىل سەمەت ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمائىل سەمەتكە قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسمائىل سەمەت تىنچلىق بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان بىر جەڭچى.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئىسمائىل سەمەت، 1990- يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 1997- يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىستانغا قېچىپ چىقىپ، پائالىيەتلىرىنى بۇ دۆلەتتە داۋاملاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات مەرھۇم ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە مەرھۇمنىڭ ئايالى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.