كانادا باش مىنىستىرى: نېفىت شىركىتى سودىسىدا خىتايغا شەرت قويۇپ ئۈستۈنلۈك ئىگىلىدۇق

كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى، كانادانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى-نەكسېن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت شىركىتىنى خىتايغا سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا نۇرغۇن چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى قويۇپ ئۈستۈنلۈكىنى ئېگىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ھالبۇكى، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، بۇ شەرتلەرنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئانچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. باش مىنىستىر ستېفېن خارپېرنىڭ تارىخىغا يېزىلىدىغان بۇ خەۋەر قانداق ئىنكاس قوزغىماقتا؟ خىتايغا قويۇلغان شەرتلەردە نېمىلەر دېيىلگەن؟

نەكسېننىڭ خىتايغا سېتىلىش، سېتىلماسلىقى كانادادا بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. كانادا تاشقى ئىشلار سىياسىتى مەسلىھەتچىسى چارلېز بۇرتون قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتچىلەر، نەكسېننىڭ خىتايغا سېتىلىشى باشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشىگە يول ئاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەكسېن سېتىۋالماقچى بولغان خىتاي دېڭىز ئوكيان نېفىت گۇرۇھى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى 3-چوڭ نېفىت شىركىتى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى بىر شىركەت، ئۇ چوقۇم كانادانى سىياسىي جەھەتتىن كونترول قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ، دەپ قاراپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولسا، كانادا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ: كانادا سودىغا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋالدى، بۇ كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ جار سالغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن نەكسېننى سېتىش تەرەپدارىدا تۇرغان نېفىت سودىگەرلىرى خىتاينىڭ 5.1 مىليارد دوللارلىق يۇقىرى باھانى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نەكسېننى سېتىشتا چىڭ تۇردى.

ئەنە شۇ تالاش تارتىشلار تۈپەيلىدىن، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە قارار بېرىشنى مەلۇم ۋاقىت توختىتىپ قويغان. ئەمما، خارپېر ھۆكۈمىتى «زىخمۇ كۆيمەيدىغان كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» دىپلوماتىك ئۇسۇلنى قوللىنىپ، نەكسېننى سېتىشقا قوشۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرمۇنچە شەرت ۋە چەكلىمىلەرنى يېڭى يوليورۇق شەكلىدە ئېلان قىلدى.

كانادا CBC خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ستېفېن خارپېر ھۆكۈمىتى يېڭى يوليورۇقتا، «بۇندىن كېيىن كانادا شىركەتلىرى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرگە سېتىلمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن، شۇنداقلا سېتىپ ئالغۇچى شىركەتلەرگە بىرمۇنچە يېڭى شەرتلەرنى قويغان.

بۇ شەرتلەرنىڭ بىرىدە كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «سېتىپ ئالغۇچى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ، كانادادا پۇل تېپىش ۋە كانادا ئىشچىلىرىغا شۇنداقلا كانادا جەمئىيىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن باشقا نەرسىنى غەرەز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.»

كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسلىھەتچىسى ۋە برۇك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى چارلېز بۇرتون، ئۆتكەندە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئەگەر كانادا نەكسېننى ساتسا خىتاينىڭ كانادادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشقا قارشى خىتايغا بېسىم قىلىشتا سىياسىي جەھەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىمىز، دېگەن ئىدى.

خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ نەكسېننى سېتىش قارارى بىلەن بىللە ئالغان يېڭى يوليورۇقلىرىدىن كېيىن، كانادانىڭ سىياسىي جەھەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىغا بولغان كۆز قاراشلار ئۆزگەردىمۇ؟

چارلېز بۇرتون مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ نەكسېن ئارقىلىق كانادانىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كانادانى خىتايدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم قىلالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش خىيالىنىڭ، يېڭى يوليورۇقلار ئارقىلىق توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، يېڭى يوليورۇقتىكى بەلگىلىمىلەرگە بولغان قايىللىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەمما ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى باشقىچە بولۇپ، نەكسېن شىركىتىدە ئىشلىگەن كامىل تۇرسۇن ئەپەندى، ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن كانادالىقلارغا ئوخشاش، خىتاي بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق سودىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز چارلېز بۇرتون چارلېز بۇرتون ئەپەندىدىن، خارپېر ھۆكۈمىتى يېڭى يوليورۇقنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن كانادالىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقتىن خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يوليورۇقتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىشەنچى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭ ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ تەسىرىنى كونترول قىلىدىغان تەپسىلاتلارنى، كونكرېتنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماس يازىدىغانلىقىنى ئېيتتى.