نورۋېگىيىدە 2009 - يىللىق نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركىي ۋە ئىران خەلقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تارىخى، ئەنئەنىۋى بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۇن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشى ۋە گۈزەل باھار ئايلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان ئىناقلىق ۋە تەبىئەت بايرىمىدۇر.

ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 22 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 22 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. (RFA Photo / Aygul Yusup)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خەلقىمۇ تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇبارەك نورۇز كۈنىنى سۇ بويلىرىدىكى چىملىقلار ۋە گۈزەل تەبىئەت باغرىدا تەبرىكلەيدۇ. نورۇز ئېشى ئېتىپ بىللە غىزالىنىدۇ، قوشاق، نورۇزنامىلەرنى ئېتىشىدۇ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىڭى يىلىنى خۇشال - خۇرام ھالدا كۈتۈۋالىدۇ.

ئەجدادلىرىنىڭ قەدىمى، مىللى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ خاسىيەتلىك نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار قاتارىدا نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 22 - مارت كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھرىدە كاتتا نورۇز مەرىكىسى ئۆتكۈزدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ھەر يىلى نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىر ياقتىن بۇ ئەنئەنىۋى خاسىيەتلىك كۈننى خاتىرلىسە يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پائالىيەت ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ياش ئەۋلادلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللى ئەنئەنىۋى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ بۇ جەھەتتە زور سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشى نەتىجىسىدە نورۇز بايرىمى ئۇچۇن كۆپ خىل مەزمۇندىكى پروگراممىلار تەييارلانغان بولۇپ چوڭلار، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى ۋە ئىقتىدارى بويىچە تەييارلانغان تۈرلۈك پروگراممىلىرى نورۇز ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو ۋە ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئۇيغۇر مېھمانلار خانىم - قىزلار تەييارلاپ كەلگەن مول داستىخانغا داخىل بولغاچ ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىنى ئىزھار قىلىشىپ، ھال - ئەھۋاللىشىپ ئۇزارا دىدارلاشتى.

بۇگۈنكى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۇچىلىرىدىن بىرى بولغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى پەرھات ياقۇب ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. شۇنداقلا، نورۋېگىيىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىۋاتقان مېھمانلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىگە ئەزەربەيجان مىللەت ۋەكىلى مالاھات ئىبراھىم قىزى، ئاكادېمىيە تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ باشلىقى ئالمۇتىدا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.