بالىلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى مەجبۇرى خىتايچە ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىش، پاراۋانلىق ئورنىدا مۇسۇلمان ئاشپەزلەرنىڭ بولماسلىقى، مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چوشقا گۆشى قاتارلىق مۇسۇلمانچە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلىنىش، خىتاي ئائىلىلىرىگە بالا قىلىپ بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلىش قاتارلىق ھەقسىزلىقلار ئالدىدا ئۇيغۇر بالىلىرى، ئۇنسىز نىدا قىلىش، قېچىپ كېتىش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، بۇ خىل ھەقسىزلىكلەرنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇلارنىڭ تەربىيىچىلىرى بۇ يىتىم بالىلارغا قولىدىن كېلىدىغانلىكى ياردىمىنى بەرگەن، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىسسىق مېھرى - مۇھەببىتىنى بېرىپ، بۇ بالىلارنىڭ يىغىسىنى يىغلىغان؛ بالىلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىكلەر ئالدىدا ئوز مەنپەئەتى بىلەن ھېسابلاشماستىن بۇ بالىلارغا ئىگە چىققان.
گەرچە ئۇلار ئاشۇ ئىشلىرى ئۇچۇن مىللىي ھىسياتى كۈچلۈك دەپ ئىدارە باشلىقى تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن، يىغىنلاردا ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلغان، ھەتتا جازالىنىپ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىن يۆتكىۋېتىلىپ، ئاشخانىدا ئاشپەز، پار قازان ئۆيىدە ئوت قالىغۇچى ئىشچى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ بالىلارغا بولغان مېھرى، بالىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋىجدانى بۇرچى ئۇلارنى بالىلار ئۇچۇن ھەقنى سۆزلەشكە ئۈندىگەن.
يۇقىرىقىلار مۇتەللىپ ئەپەندى بىلەن ئامانگۈل خانىمنىڭ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا 10 يىل ئىشلەش جەريانىدا ئوز بېشىدىن كەچۈرگەن ھەقسىزلىقلار ھەققىدىكى بايانلىرى بولۇپ، بۆگۆن ئۇلار داۋاملىق بىز بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.