مەشھۇر يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەندى

قىرغىزىستان بويىچە مەرھۇم يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلان مۇراسىم قىرغىزىستان خەلق ئەرتىسى سۇلتان كەرىموفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. 2018-يىلى دېكابىر، بىشكەك. (RFA/Féruze)
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف، چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى پەخىرلەندۈرگەن ئاتاقلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 2018-يىلى دېكابىر، بىشكەك. (RFA/Féruze)
«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە پەلسەپە پەنلەرنىڭ كاندىدات نامزاتى ئە. باۋۇدۇنوف چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. 2018-يىلى دېكابىر، بىشكەك. (RFA/Féruze)
«يۇلتۇز» ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇلچىسى گۈلناز مەخسۇتوۋا چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئۆمۈر-ھاياتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. 2018-يىلى دېكابىر، بىشكەك. (RFA/Féruze)