بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ تىپتىكى بىر سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ پىلانى قىزىق تېما بولۇپ كەلدى. گەرچە بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي يوسۇندا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن داۋام قىلغان مىش-مىش پاراڭلار بىردە ئۇلغىيىپ، بىردە بېىسقىپ، تارىم ئويمانلىقىغا سۇ يۆتكەش مەسىلىسى خىلمۇ خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ھەتتا يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىنىڭ تېگىدە بالقاش كۆلىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان غايەت زور تاتلىق سۇ مەنبەسى بايقالغانلىقى، بۇ سۇ مەنبەسى ئېچىلسا، تەكلىماكان قۇملۇقىدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يەنە بىر تېرىلغۇ يەر ھاسىل بولۇپ، خىتاينىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ تەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئىككىنجى بىڭتۇەن بەرپا قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇرلارمۇ ئارىلاپ تور يۈزىدە كۆزگە چېلىقىپ قالاتتى.
مەيلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئاستىدا غايەت زور تاتلىق سۇ بايقالغان بولسۇن، ياكى تىبەتتىن تارىم ئويمانلىقىغا سۇ يۆتكەش ھەققىدىكى ئۇچۇر بولسۇن، يېقىنقى يىللاردا قايتا قىزىق تېما بولۇۋاتقان چاغدا، شىنخۇا تورى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى دەلىللەيدىغان بىر ئۇچۇرنى تارقاتتى. يەنى 2022-يىلى سىنتەبىردە شىنخۇا تورىدا «قىزىل بايراق (خوڭچى) دەرياسى غەربكە سۇ يۆتكەشنى ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىندى. مەزكۇر پىلاندا، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېزا-ئىگىلىكىگە كېرەكلىك يەر ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئېچىشقا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچەيگەنلىكى، بۇ ۋەجىدىن غەربىي دىيار (ئۇيغۇر دىيارى)نىڭ خىتاينىڭ يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللىشىغا ئايلانغانلىقى، شۇڭا سۇ كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولغانلىقى يېزىلغان. يەنى شىنخۇا تورى بۇ قۇرۇلۇش ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلارنىڭ راستلىقىنى ھۆكۈمەت نامىدىن دەلىللىگەن. بۇ پىلاندا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي-شىمال رايونى بولسا تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، قوياش نۇرى يېتەرلىك چۈشىدۇ، رايون ئورنى شارائىتى ياخشى، غەربىي دىياردىكى كەڭ كەتكەن زېمىنلار، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇزۇننى كۆزلىگەندە، غەربكە سۇ يۆتكەش مۇتلەق ھالدا خېشى كارىدورى، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدىن كېڭىيىپ، غەربنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان سۇ كەمچىلىككىنى ھەل قىلىدۇ».
دەرۋەقە، خىتاي مەزكۇر قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىشتا، غەربىي رايوندىكى خەلقلەرگە پايدا يەتكۈزۈشنى ئەمەس، بەلكى بۇ رايونلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، غايەت زور نوپۇسىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بىخەتەرلىكىگە كېلىدىغان تەھدىتلەردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش، ئۆزىنىڭ «خىتاي چۈشى» نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش. . . قاتارلىق ئۆز مەنپەئەتىگە زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلارنى كۆزدە تۇتقان.
ئۇنداقتا، «غەربكە سۇ يۆتكەش پىلانى» نىڭ جەۋھىرى بولغان ئاتالمىش «قىزىل بايراق دەرياسى» قەيەردە ۋە قانداق ياسىلىدۇ؟ بۇ دەريانىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا، مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
بىز كۆپىنچە خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ كەلدۇق. بۇ ئىبارىلەر بىزگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. لېكىن بىز «جەنۇبنىڭ سۈيىنى غەربكە يەتكۈزۈش»، يەنى «غەربكە سۇ يۆتكەش پىلانى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمىزدا، بۇ سۆز بىزگە ئىجابىي تۇيغۇ بېرىدىغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا سۇ كەمچىللىك مەسىلىسى 70 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھەل قىلىنماي كېلىنگەن مەسىلە ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىغىمۇ، «سۇ كەمچىللىكى سەۋەب بولغان» لىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەن. ئەمما بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى دېھقانچىلىقتا يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلەمدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نىمە دېمەك ئىنتايىن قىيىن، ئەلۋەتتە. بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ۋە ئۇنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ:
خىتاي ياسىماقچى بولغان «قىزىل بايراق دەرياسى» تىبەتتىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسى ئايلانما ئېقىمى ئەتراپىدىن تارىم ئويمانلىقىغا سۇ باشلايدىغان غايەت زور قۇرۇلۇشتۇر. مەزكۈر دەريانىڭ بېشى تىبەتتىن باشلىنىپ، خىتاي رايونلىرىدىكى چوڭ كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى بىر بىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق، خېشى كارىدورىدىن ئالتۇن تاغ ۋە قۇرۇم تېغى ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنى ۋە تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەرلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، تارىم ئويمانلىقىغا قۇيۇلىدىكەن.
خىتاي مەنبەلىرىدىن قارىغاندا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6188 كىلومېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق سۇ يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارى 60 مىليارد كۈپ مېتىرغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي رايونلارنىڭ يەر قۇرۇلۇشى تۈزلەڭلىك بولغىنى سەۋەب، مەزكۇر دەريادىن نۇرغۇن تارماق سۇ لىنىيەلىرىنى ياساش ئارقىلىق، چۆللۈكلەردە بىپايان بوستانلىق بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ مەزكۇر قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر كۆلگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما تارىم ئويمانلىقىنى كۆلگە ئايلاندۇرۇشنىڭ، بۇ رايوندا ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىك بىر باشلىنىش بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، دىققەتنى تارتىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتا شۇ بولدىكى، بارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تارىم بويلىرىدىكى رايونلارنى نىشان قىلىپ يۈرگۈزۈلگەن. يەنى بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور كۆلەمدە يۆتكەش، خىتاي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن تارىم بويلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانىدى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈش جەرياندا بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاساسەن تېرىلغۇ يەرلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغان. يەنى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى يېزا ئىگىلىك كوپېراتىپلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغان. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملاردا ئۆز يۇرتلىرىدىن كوللېكتىپ كۆچۈرۈلگەنىدى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان ئەڭ ئاخىرىقى ئۇيغۇر مەھەللىسى بولغان دەريابويىلىقلارمۇ، ياقا يۇرتلارغا كۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. شۇڭا مەزكۇر رايونلاردىكى يېزا-ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يەرلىك خەلقلەردىن بەكرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۇەن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار بولۇشى ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، زور مىقداردىكى سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرى، مەزكۇر رايونلاردا سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشى مۇقەررەر يوسۇندا زور كۆلەملىدىكى نوپۇس، ئىش ئورنى قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا نوپۇس زىچلىقى تۆۋەن، ئادەم ئاز، زېمىن كەڭ. ئەگەر بۇ كەڭرى زېمىنلاردىكى سۇ كەمچىللىك مەسىلىسى ھەل بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نوپۇس يۆتكەش تېزلىشىپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدىغانلىقى يېقىن كەلگۈسىدە روياپقا چىقىدۇ. غايەت زور خىتاي نوپۇسى ۋە ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، زامانىۋىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىنلىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل بولۇپ، ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» دا ئۇيغۇر دىيارى خىتاي ئۆلكىلىرىنى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان بىخەتەر ئۆتەڭىگە ئايلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىدا، تەكلىماكاندا دەۋر سۈرگەن كىرورەنلىقلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان زىددىيىتىنى ناھايىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، خىتاي خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى قوزغاشقا تىرىشقان. يەنى بۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرلاردا ئەينى چاغدىكى خەن سۇلالىسى ئەسكەرلىرىنىڭ كىرورەنلىكلەر بىلەن جەڭگە ئاتلانغاندا «كىرورەنلىك دۈشمەنلىرىمىزنى بىرىنى قويماي يوقاتماستىن، ھەرگىز قايتمايمىز» دەپ ۋەدە بېرىشكەنلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلغان. قىسقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى خىتايلارنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش بۈيۈك ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، خىتاينى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدىغان، خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش دەپ تونۇتقان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلشى ئۈچۈن خىتاي خەلقىدە ئاشقۇن مىللەتچىلىك خاھىشىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشقان.
يىغىپ كەلسەك، مەزكۇر قۇرۇلۇش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چەمبەرچاس باغلانغان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۈيۈك پىلاندۇر. بۇ پىلاننىڭ روياپقا چىقىرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ بېتىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىشىغا ئاساس ھازىرلايدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كىرورەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قايتا تىرىلدۈرۈش» ئارزۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىشى سەۋەبلىك ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
