ئارافات ئادىلنىڭ گېرمانىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىش ۋە ئىجرا قىلىنىش جەريانى ھەققىدە گېرمانىيەنىڭ سوت، تەپتىش، ساقچى ئورگانلىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى بۇ دېلو ھەققىدە يەرلىك، يەنى شتات دەرىجىلىك ئورگانلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى پاناھلانغۇچىنىڭ قانداق ئەھوال ئاستىدا دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئەگەر پاناھلانغۇچى سوتقا قاتناشمىسا ياكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىسە، ئۇ كىشىنىڭ پاناھلىقتىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىپ دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئەمما ئارافات ئادىل دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ئارافات ئادىل تۇرغان بادېن-ۋۇرتتېمبېرگ (Baden-Württemberg) شتاتلىق ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىمىزدە، 21-ئىيۇل كۈنى ئىجرا قىلىنغان چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى كارلسرۇخە رايونلۇق ھۆكۈمەت (Karlsruhe Regional Council) چىقارغانلىقىنى ۋە شۇ بۇيرۇقىغا ئاساسەن لۆرراخ (Lörrach) ساقچىخانىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كارلسرۇخە رايونلۇق ھۆكۈمەت بادېن-ۋۇرتتېمبېرگ شتاتىغا تەۋە بولۇپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.
ئارافاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى پەقەت ئايرودۇرۇمغا چىققاندىلا ئۇقتۇرۇلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتقا قاتناشمىغانلىقى بۇ قايتۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبى دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. ئارافات ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوت ياكى قايتۇرۇلۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەزكۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتتە 2015-يىلى ياۋروپادا كۆچمەنلەر كرىزىسى يۈز بەرگەندە مەخسۇس كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. بۇ ئورگاننىڭ كۆچمەنلەرنى قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، قوللىرىدىكى سەپەر رۇخسەتنامىسىنى يىغىۋېلىش، مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ تەييارلىقى ۋە ئىجراسىنى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى بار ئىكەن. ئەمما بۇ قارار دۆلەتنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى، سوت بۇيرۇقى، ياۋروپا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارانىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك ئىكەن.
كارلسرۇخە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئارافاتنى قايتۇرۇش قارارىنىڭ ئەنە شۇ ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى، يەنى كۆچمەنلەرگە قارىتا سەزگۈرلۈكتىن ئېلىنغانلىقى ياكى بىر ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن: «سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى، يەنى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش گېرمانىيە ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» دەپ تەكىتلەيدۇ ۋە تەشكىلات سۈپىتىدە بۇ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
