ئىستانبۇلدا بىر قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەقىدە ئىسمائىل 29-سېنتەبىر كۈنى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارىدىن توققۇز كۈن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى مۇستافا كوجامانباش ئېكس (تىۋىتتېر) ھېسابىدا ئەقىدە ھەققىدە تۇنجى قېتىم مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ كېسەلچان پەرزەنتىگە ئىئانە توپلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ جەمئىيەتتە مىليونلارچە پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغانلارنىڭ ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلىپ، ئەقىدەنىڭ تۇتۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەرنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئەقىدە تۇتۇلغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ پەقەت ئەقىدەنىڭ نۆۋەتتە قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تېخى تاپشۇرۇلمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان؛ ئەمما تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە قانائەتلىنەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
توردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى نازۇك ۋەزىيىتىدىن باشقا، ئەقىدەنىڭ بىر پەرزەنتىنىڭ كېسەلچان بولۇشىمۇ ئۇيغۇر ۋە تۈرك جەمئىيىتىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
دەسلەپكى كۈنلەردىلا، ئامېرىكىدىكى ياش كارخانىچى قۇززات ئالتاي ئۆزىنىڭ كۆپ ساندا تۈرك ئەگەشكۈچىلىرى بولغان يۇتۇب قانىلىدا تۈركچە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئەقىدە ئىسمائىلنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھەم تۈركىيە، ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە تەسىرات بايان قىلغان ئىدى.
تۈرك ئاخباراتلىرىدىن «خابەر نىدا»، «مىرا ھابەر» ۋە «يېڭى شەپەق» گېزىتلىرى ئەقىدە ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئەندىشە ۋە نارازىلىقلار بىلدۈرۈلگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلدى.
ئىستانبۇل ساقچى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى دائىرىلىرى ئەقىدە ئىسمائىلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان سوئاللىرىمىزغا تا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىدى.
