ياۋروپا پارلامېنتى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى–خىتاي سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر بىر تەۋسىيەنامە ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىدە خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتالغان بۇ تەۋسىيە دوكلاتىدا، لاگېرلارنىڭ نامدا تاقالغان بولسىمۇ، خالىغانچە تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي چەكلىمە ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئۈچ مىليون كىشىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەۋسىيەنامىدە يەنە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىلا ساھەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
خىتاي بىلەن ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىنى كۈچەيتىش ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش؛ سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان تەۋسىيەنەمىدە، ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى ئىلھام توختى ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ، شۇنداقلا ياۋروپا دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان پروفېسسور يالقۇن ئەيسا ۋە خۇشتار ئەيسانىڭمۇ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ تەۋسىيەنەمە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 454 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 86 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 110 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللاندى.
