كېڭەش پالاتاسى ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە قارشى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرىلدى

پروفېسسور روبېرت پ. جورج 14-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر لايىھەنى دەرھال مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەندۈردى.

پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روبېرت پ. جورج خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەردىن مەجبۇرىي ئورگان ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنى بۇ خىل قىلمىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئورگان ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە رايون ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتماقتا. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئاۋام پالاتاغا قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى قاتتىق چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. H.R.1503 نومۇرلۇق بۇ لايىھە ئاۋام پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. ئەمما كېڭەش پالاتادا تا ھازىرغىچە مۇزاكىرىگە قويۇلماي كەلگەن ئىدى. پروفېسسور روبېرت پ. جورج 14-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر لايىھەنى دەرھال مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەندۈردى.

پروفېسسور روبېرت جورج، ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى بولۇپ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە بولۇشى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ئىكەنلىكى سەۋەپلىك بۇ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىش ۋە ئوغرىلىنىشقا قولايلىق شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.