ماركۇ رۇبىيو «7 دۆلەت گۇرۇھى» دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جىددىي خەلقئارا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشكەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 15-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى گۇرۇھى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ماركۇ رۇبىيو شۇ كۈنى تىۋېتتېر ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «مەن يەتتە دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ گۇرۇھىمىزدىكى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى خىرىسلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشتىم. بىز ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئاياغلاشتۇرۇش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكاغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز».

بۇ ھەقتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-فېۋرال ئېلان قىلغان ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، «7 دۆلەت گۇرۇھى» غا ئەزا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئورتاق ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىدە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ۋەيران خاراكتېرلىك ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىش ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى بەرپا قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۈچلۈك پىلان تۈزۈپ، ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 7 دۆلەت مىنىستىرلىرى يەنە خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەگە قىلغان ھەربىي ئەسلىھە ۋە ئەسكەر ياردىمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇلار خىتاينىڭ قوراللىق كۈچ بىلەن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش تاكتىكىسىنى، جۈملىدىن جەنۇبىي دېڭىزغا ھەربىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېڭىزدىكى ئەركىن سودا يولىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى كۈچلۈك تەنقىدلىگەن. ئۇلار يەنە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە، غەززە، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قانداق قوغداش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.