بېرما پايتەختى يانگوندىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ماندالايدا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تېخىمۇ مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە خىتاينىڭ بېرما ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىق ئىسيانچىلارغا ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشىدىن كېيىن، بېرما ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىپ كەتكەن بىر پەيتتە يۈز بەرگەن.
خىتاينىڭ بىرمادىكى قوراللىق ئىسيانچىلارغا ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى، بېرما خەلقى ئارىسىدا «خىتاي بىرمانىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتىنى قوللىماقتا» دېگەن ئەندىشىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن، بولۇپمۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا بىرمانى زىيارەت قىلىشى، بەزى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ھەربىي ھاكىمىيەتنى قوللىغانلىق، دەپ قارالغانىدى.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى ماندالايدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى لىن جيەن دۈشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، بېرما دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى قولغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پارتلاش 18-ئۆكتەبىر (جۈمە كۈنى) چۈشتىن كيىن سائەت بەشتە يۈز بەرگەن. لىن جيەن، پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما كونسۇلخانا بىناسىنىڭ قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. لىن جيەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بىرماغا «جىددىي دىپلوماتىك پوزىتسىيە» بىلدۈرگەن، شۇنداقلا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ۋەقەنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
بېرما ھەربىي دائىرىلىرى 2021-يىلى 2-ئايدا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بېرما پۇقرالار ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش تاشلاپ، بىرمانىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى بېرما سىياسىي داۋالغۇش ئىچىگە چۈشۈپ قالغانىدى.
