دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فىنلاندىيە رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ستۇب (Alexander Stubb) قاتارلىقلاردىن زىيارەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قەتئىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فىنلاندىيە رەھبەرلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە ۋە خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە فىنلاندىيەنىڭ ھەر قايسى سودا ساھەلىرىدىكى ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان بولغاچقا، بىز فىنلاندىيەدىن خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن سادىر قىلغان بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن نورمال سودا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك نىزامىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك دەپ قارايمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ستۇب ۋە ئۇنىڭ ئايالى سۇزاننا ئىننېس-ستۇب، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىنا ۋالتونېن ۋە باشقا ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك 28-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.

فىنلاندىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولسىمۇ، لېكىن فىنلاندىيە ئىلگىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتقان ئىدى. فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقدىرلىنىپ كەلگەنىدى.