ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىللىي ئازادلىقى، خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان پېشقەدەم ئىنقىلابچى، سىياسەتچى، ئاكتىپ پائالىيەتچى، جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا 2025-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە 95 يېشىدا ۋاپات بولدى.
مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى فېسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بەس-بەستە ئۆزىنىڭ قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ۋە ئاخىرەتلىك تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، غۇلامىدىن پاختا 1930-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئەخمەت پاختا قەشقەردە ئاتا مىراس پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولۇپ، 1933-1934-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان.
ئۇ، ئۆز ۋاقتىدا گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1937-يىل مەھمۇد مۇھىتى قەشقەرنى تاشلاپ چەت ئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي قەشقەردە داڭلىق ئۇيغۇر بايلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەخمەت پاختىمۇ چەت ئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ بىلىدۇ. قەشقەردە بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن غۇلامىدىن پاختا ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندە دادىسىنىڭ تۈركىيەدە ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ ۋە تۈركىيەگە كېلىپ دادىسى بىلەن جەم بولىدۇ.
غۇلامىدىن پاختا تۈركىيەدە ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل تۈركىيەدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1955-يىل گېرمانىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن بارىدۇ ۋە گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» دا ئىشلەيدۇ. 1960-يىللاردا ئۇ رادىيو تەرىپىدىن نيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابىغا ئەۋەتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىغان مۇخبىرلىققا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ بىر ياقتىن «ئازادلىق رادىيوسى» ئۈچۈن ئىشلىسە، بىر ياقتىن «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئۆزبېكچە قانىلىدىكى «ئاسىياغا ئېچىلغان نەزەر» سەھىپىسى ئۈچۈن ماقالە يازىدۇ. كېيىن ئۇ ئامېرىكادا «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆز مىللىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى ئامېرىكاغا يەتكۈزىدۇ ھەم دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىل پائالىيەت قىلىدۇ.
غۇلامىدىن پاختىنىڭ ھاياتى ۋەتەندىن ئايرىلىش، ۋەتەنگە تەلپۈنۈش ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات بولۇپ، رادىيومىز بۇ توغرۇلۇق كۆپلىگەن پىروگرامما ۋە قىسىملىق ۋىدىيو ئىشلەپ تارقاتقانىدى.
