جون مۇلىنار رەسمىي ھالدا IPAC كە ئەزا بولدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇلىنار 7-ئۆكتەبىردە رەسمىي ھالدا «خىتاي ئىشلىرى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) گە ئەزا بولدى.

IPAC نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رەئىس جون مۇلىنار ئۆزىنىڭ مەزكۇر بىرلەشمىگە قاتنىشىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەپسىلىي بايان قىلغان. باياناتتا ئۇ خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەر زورىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادىكى ھەمكارلىقنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھلىكىلىرىنى توسۇش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېپىللىك قىلىش، شۇنىڭدەك ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا زۆرۈر بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشتا ‹خىتاي ئىشلىرى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى› ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىنىڭ كۆز قارىشىنى دۇنياۋى رەھبەرلىك چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلەشكە تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي ئىشلىرى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» خەلقئارادىكى قانۇنشۇناسلار ۋە سىياسىيونلاردىن تەشكىل تاپقان مۇستەقىل بىرلەشمە بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەت ھاكىمىيىتىگە بېقىندى ئەمەس. ئۇلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغاندىلا، دېموكراتىك مەملىكەتلەردىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىدۇ. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جېف مېركېلىي (Jeff Merkley)، ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) قاتارلىقلار مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قوشما رەئىسلىكىگە كۆرسىتىلگەن. ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولغان تۇنجى ئەزاسى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئېلى) مۇ يېقىندا مەزكۇر بىرلەشمىگە ئەزا بولغان.