ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن 11-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى، شەرقى-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «ئۈزلۈكسىز ئەدەۋاتقان خەتەرلىك ھەم قانۇنسىز» ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا «دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە يەنە 11-سېنتەبىر لائوس پايتەختى ۋىيېنتياندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا فىلىپپىننىڭ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «ئىغۋاگەرلىك ۋە تەھدىت سېلىش» قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بلىنكېن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي (خىتاي) دېڭىزىدىكى ئۈزلۈكسىز ئەدەۋاتقان خەتەرلىك ھەم قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا پۇقرالىرىنىڭ يارىلىنىشى، پاراخوتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ۋەقەلەر، (خىتاينىڭ) ئىختىلاپنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلماقتا».
بىلىنكېن يىغىندا پىرېزىدېنت بايدېنغا ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە يەنە، ئامېرىكانىڭ «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېڭىز قاتنىشى ۋە ھاۋا قاتنىشى ئەركىنلىكىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركۇس خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەزكۇر رايوندا جىددىيلىكنىڭ داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىلىپپىن «داۋاملىق خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا» دېگەن. شەرقى-جەنۇبىي ئاسىيە دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنام ئارىسىدىكى قارشىلىشىش كۈچەيگەن، خىتاي بۇ دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا فىلىپپىن پىرېزىدېنتى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن جەنۇبىي دېڭىز توغرۇلۇق سۆھبەتكە چاقىرغان. خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم دېڭىز سودا قاتناش يولى بولغان جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلماقتا. خەلقئارا سوت 2016-يىلى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان.
