گېرمانىيەنىڭ Bild گېزىتى: تۈركىيەنىڭ كېسەك دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇشى ھىندىستان تەرىپىدىن رەت قىلىنغان

گېرمانىيەنىڭ Bild گېزىتى تۈركىيەنىڭ خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە قاتارلىق كېسەك دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇشى، ھىندىستان تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Bild گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ ئەزالىقى كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق پىكىرگە كېلەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ماقۇللانمىغان، شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلات يېقىن كەلگۈسىدە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلغان. كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 24-ئۆكتەبىر رۇسىيەنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن. تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغانمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشقان. بۇ يىغىن رۇسىيە ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبىدىن غەربنىڭ كەڭ كۆلەملىك جازاسىغا ئۇچراپ، دۇنيادا يېتىم قالغان، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن ئۇكرائىنادا سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتى سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بىر پەيتتە رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كېسەك دۆلەتلىرىگە يېقىندا ئىران، مىسىر، ئېفىيوپىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەزا بولغان. ئۇنىڭغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە مالايشىيا ئەزا بولۇشقا ئىلتىماس سۇنغان. تۈركىيەنىڭ بۇ يىل 2-سېنتەبىردە كېسەك دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇشقا رەسمىي ئىلتىماستا بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» نىڭ يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، «تۈركىيەنىڭ يەرشارى تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى ۋە ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى غەرب ئىتتىپاقداشلىرىدىن ھالقىغان يېڭى ئالاقە تورى قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەنبەلەرنىڭ پىرېزىدېنت ئەردوغان گېئو-سىياسىي كۈچ مەركىزى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئۇزاقلاشتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى، «تۈركىيە بۈگۈن» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، تۈركىيە پىرېزىدېنت سارىيى Bild گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغانلىقى، كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەزا قوبۇل قىلىش يوقلىغىنى ئېيتقان. ئەمما Bild گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ھىندىستاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئەزالىقىغا قارشى چىقىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىلتىماسىغا كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.