رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە قازاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «كېسەك دۆلەتلىرى (BRICS) باشلىقلار يىغىنى» غا ساھىبخانىلىق قىلغان. ئۇ يىغىندا شى جىنپىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ «يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە ئادىل دۇنيا تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش» قا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» (The Guardian) نىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 36 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر 2024-يىل رۇسىيە قازاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان. بۇ پۇتىننىڭ 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن بۇيان ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ قازاندا پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنى «قەدىردان دوستۇم» دەپ ئاتىغان ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «چوڭقۇر دوستلۇق» نى ماختاپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا بىر ئەسىردە كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت قالايمىقان ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك. خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە زامانىۋىلىشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى».
پۇتىن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ تېخىمۇ مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شى جىنپىڭغا مۇنداق دېگەن: «يەر شارى بىخەتەرلىكى ۋە ئادىل دۇنيا تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىز كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز».
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 2024-يىل 16-ماي كۈنى خىتايغا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت قىلىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇلار رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى» نى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكىغا قارشى ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بېرىشكەنىدى.
