خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى داۋام قىلسا، بىر تەرەپتىن ئۇنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ داۋراڭ قىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، «2024-يىللىق شىنجاڭنىڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئەجدىھا ۋە شىر مۇسابىقىسى» قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
«12 ناھىيە، شەھەر ۋە بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيەسىدىن كەلگەن 50 دىن ئارتۇق كوماندا ‹شىر پادىشاھ› بولۇش ئۈچۈن مۇسابىقىلەشتى. شىر ئۇسسۇلى ھەۋەسكارلىرى داقا-دۇمباق شاۋقۇنى ئىچىدە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئەنئەنىۋى شىر مەدەنىيىتى ۋە ماھارىتىنى كۆرسەتتى».
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى بايراملىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى چەتكە قېقىپ، نورۇزلۇق ئاممىۋى تەنھەرىكەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، جۈملىدىن جاي-جايلاردا چاغانلىق شىر ئويۇنى كۆرسىتىشنىڭ ئومۇملىشىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. خىتاي بۇ قېتىم بۇ پائالىيەتنى مۇسابىقە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەردە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتاي مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئەۋج ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
