ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تايلاندقا 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان

2025-يىل كىرگەندىن باشلاپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە. تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن، بۇ مەسىلىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈش ياكى خىتاي بىلەن سودىلىشىپ قېلىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىكىمۇ ئۇتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى 24-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتتا، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جىم رىچ (Jim Risch) بىلەن جېننى شاھىن (Jeanne Shaheen)، كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى پېت رىككېتس (Pete Ricketts) ۋە ئالىي ئەمەلدارى كرىس كونس (Chris Cons) قاتارلىقلار شۇ كۈنى بايانات بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ خەۋەر كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئېغىر قىيىن-قىستاققا، قاماق جازاسىغا، ھەتتا ئۆلۈمگە دۇچار بولىدۇ. ئامېرىكا خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسى بويىچە بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەل قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز تايلاند رەھبەرلىرىنى ئاقىلانە بولمىغان خاتا قەدەم بېسىشتىن ساقلىنىپ، بىز قويغان تەكلىپ ئۈستىدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىشكە چاقىرىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2025-يىلى 11-يانۋار جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن 48 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغانىدى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال 48 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇلار تايلاند ھۆكۈمىتىگە قايتا چاقىرىق قىلىپ: «تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك. ئۇلار ھېلىمۇ ئون نەچچە يىل ئازاب چەكتى. ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بىلەن ئوخشاش» دېگەن.

كۆپ يىللاردىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما (Nyrola Elima) ب د ت نى تايلاندتىكى مەھبۇس ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن بولۇپ، تايلاندنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان بۇ مەسىلىگە يېقىندىن ئارىلىشىپ كەلگەن. ئۇ 25-فېۋرال X تە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما رادىيومىزنىڭ بىۋاسىتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تايلاند تەرەپ ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. 48 ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل ئادۋوكات چۇچارت كانپاي: «مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرىدىغان ھېچقانداق شەپە يوق. مەن تېخى بايىلا، چۈشتىن كېيىن 2 ئەتراپىدا ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ باقتىم، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يوق، سوت يەنىلا 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدۇ» دېگەن؛ تايلاند خانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى ئارچايونت كرايدوڭ تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، تايلاند خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ بىر ئەمەلدارى 26-فېۋرال رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «مەن بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىدىم، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئۆسەك گەپلەر تارقالغان، ھەممىسىنىڭ ئاساسى يوق» دېگەن.

نۆۋەتتە، بۇ مەسىلىنىڭ قانداق ھەل بولۇشى تېخى نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا.