يېقىندا تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەلەپلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇتقۇنلۇقتا ياشاۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى باشقا بىرەر دۆلەتكە يولغا سېلىپ قويغاندا، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇس جالىچاندرا (Russ Jalichandra) شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن» دېگەن، ئەمما بۇنىڭ قايسى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. شۇنىڭدەك بۇ ئۇيغۇرلارنى خېلى يىللار ئىلگىرىلا يوشۇرۇنچە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سېلىپ قويۇشنىڭ پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار «بۇ ئۇيغۇرلارنى ماكانلاشتۇرىدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەت تېپىلمىدى» دەپ تۇرۇۋالغان ئىدى. ھالبۇكى، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىلا بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقى مەلۇم بولغان. جالىىچاندرا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىسەك، دۆلىتىمىز خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھال مىليونلىغان تايلاندلىقلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاشۇنداق قىلىش بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىز بولۇپ قالغان» دېگەن.
خەۋەردە بۇنىڭ قانداق خاراكتېردىكى «ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتى» گە سەۋەب بولۇشى توغرىسىدا ھېچنەرسە دېيىلمىگەن. ئەمما بەزى ئانالىزچىلار، بۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە تاقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزچىل تۈردە تايلاندنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ۋە ئېكسپورتىدىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ، 2023-يىلى تايلاند خىتايدىن 74 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مال ئىمپورت قىلغان. 2024-يىلى تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلغان. شۇڭا خىتاي بىلەن بولىدىغان تاشقى سودىنىڭ قانداق بولۇشى تايلاندنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا غايەت زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
