بايدىن ئاقسارايدىن ئايرىلىش ئالدىدا فېدېراتسىيە تور مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان

ئامېرىكا «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى» (NPR) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پىرېزىدېنت بايدىن ئاقسارايدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدا يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان.

بايدىن ھۆكۈمىتى ئىش باشلىغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، رۇسىيەنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا جاسۇسلۇق قىلىشىدىن تارتىپ، خىتاي خاككېرلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشىگىچە بولغان كەڭ كۆلەمدىكى تور ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ «بېيجىڭ يوڭشىن جىچېڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نى جازا تىزىملىكىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى ئىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر شىركەت «فلاكس تەيفىڭ» دېگەن نام بىلەن بىلىنىدىغان خىتاي خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىكەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە 14-يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) شۇ كۈنى بىرنەچچە ئاي داۋام قىلغان قانۇن ئىجراسى ئارقىلىق خىتاي خاككېرلىرى ياساپ چىققان «PlugX» ناملىق ۋىرۇس توپىنى بىتچىت قىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇق ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا فېدېراتسىيە تور مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىمزالانغان بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنىڭ مەقسىتى، خىتاي، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خاككېرلىق ھۇجۇمى قىلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا بىزنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى جىددىي پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر».