خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا قاراتقان نۇقتىلىق زىيانكەشلىكى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخچى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، شۇنداقلا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە يىگىرمە پىرسەنتىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن، ھىندىستاندا چىقىدىغان «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىمۇ 26-فېۋرال بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە، خىتاينىڭ 2019-يىل ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تاقىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئادەم تۇتۇشنى داۋام قىلغانلىقى، ئەمما بۇ قېتىم قارا-قويۇق ئادەم تۇتماي، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سودىگەرلەر ۋە دىنىي زاتلارنى نۇقتىلىق تۇتۇپ قولغا ئالغانلىقى، بۇنىڭ دەل ئۇيغۇر سەر خىللىرىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان يېڭى تۇتقۇن شەكلىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىڭ ئادەمنى ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت ئەربابلىرىنى تۇتۇپ، خىتايغا قارشى ھەر قانداق ئاۋازنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CAIR) 25-فېۋرال بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2017-يىلدىن بېرى تۇتۇپ سولاپ قويغان ۋە ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەزكۇر 20 نەچچە ئوقۇتقۇچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە سولىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ئىلمىي خىزمەت ۋە دىنىي پائالىيەتلەر تۈرمىگە كىرىشكە ھەرگىز سەۋەب بولماسلىقى كېرەك».

بۇ يىل 1-ئايدا، ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلىرىغا قۇرئان ئۆگىتىپ قويغان ئۇيغۇر ئايالنى 17 يىللىق كېسىۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتىنى داۋاملىق تەنقىدلەپ كەلمەكتە.