ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئادەمسىز ئۇچقۇلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىككى خىتاي شىركىتى ۋە ئۇلارنىڭ رۇسىيەدىكى شېرىكلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. بۇ ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى تولۇق قورال سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىگەن خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ھېسابلانماقتا.
ۋاشىنگتون ئۇزۇندىن بېرى، خىتاينىڭ رۇسىيەنى ھەربىي ۋە پۇقراۋى ئىشلارغا قوللانغىلى بولىدىغان بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم خىتاينى موسكۋاغا بىۋاسىتە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ شيامېن ۋە شېنجېن شەھەرلىرىدىكى ئىككى ئادەمسىز ئۇچقۇ شىركىتىنىڭ رۇسىيە ھەربىي كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «گارپىيا يۈرۈشلىك» ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ «شيامېن لىمباخ ئايروپىلان موتورى شىركىتى» بىلەن «شېنجېن قىزىل توشقان شىلياڭ سانائەت شىركىتى» گە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. بۇ ئىككى شىركەت رۇسىيەنىڭ «گارپىيا يۈرۈشلىك» ئادەمسىز ئۇچقۇسىنىڭ موتورىنى ئىشلەپچىقىرىش، رۇسىيەگە توشۇش، جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ TSK Vektor ناملىق ھەربىي سانائەت شىركىتى ئارقىلىق، رۇسىيەنى ئۇچقۇ موتورى، ئاپتوماتىك سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىلىرى ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلىرىنى تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم يەنە رۇسىيەنىڭ TSK Vektor شىركىتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى شىركەتلەرگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەتيېۋ مىللېر (Matthew Miller) پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا «بىز بىزنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قوراللارنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلىشىگە شاھىت بولۇشىمىز» دېگەن.
