خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئاخبارات تەشۋىقات قانىلى بولغان CGTN دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىق» ھەققىدە يەنە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، 2009-يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان بۇ ئېتنىك توقۇنۇشنى دۇنياغا ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» سۈپىتىدە قايتا سۇنغان.
CGTN خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئۈرۈمچىنى قاپلىغان زۇلمەت: 5-ئىيۇل توپىلىڭى» ناملىق ئىنگلىز تىلىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 26-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدىكەن. CGTN نىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىر بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن رەسمىي قىرغىنچىلىق، دەپ قارالغان بۇ توقۇنۇش ھەققىدە قايتا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۇنى دۇنياغا «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» سۈپىتىدە سۇنۇشىدىكى سەۋەب ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى چاقىرغان بىر پەيتتە تارقىتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرى لى زېشىن CGTN نىڭ 24-ئۆكتەبىر بۇ ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى X تا ھەمبەھىرلەپ، بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قىلغان «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» خىتايلارنىڭ گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوراللىق باستۇرۇشى، نامايىشنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي دائىرىلىرى توقۇنۇشتا 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ غايىب بولغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. لېكىن ھۆججەتلىك فىلىمىدا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنداقلا فىلىمدا غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى «ئېتنىك توقۇنۇش» دەپ تەرىپلىگەنلىكى ئەيىبلەنگەن. بۇ فىلىمنىڭ ھازىرقى پەيتتە تارقىتىلىشى خىتاينىڭ سارايېۋودا ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە باغلىنىشلىق، دەپ قارالماقتا.
