ئامېرىكادا كورونا ۋىرۇسنى قەستەن تارقاتقانلارنى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە بولىدۇ

ئامېرىكادا كورونا ۋىرۇسنى قەستەن تارقاتقانلارنى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە بولىدىغانلىقى جاكارلاندى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قەستەن تاجسىمان ۋىرۇس تارقاتقانلارنىڭ «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى. س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى جېفرېي روسېن 25-مارت سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكادىكى ھەرقايسى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ۋە ئادوۋكاتلارغا يازغان كۆرسەتمىسىدە مۇنداق دېگەن: «تاجسىمان ۋىرۇسنى قەستەن تارقاتقان شەخسلەر باشقىلارنى مەقسەتلىك ھالدا يۇقۇملاندۇرۇش ھەرىكىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشكە بولىدۇ. بۇ ۋىرۇس «بىئولوگىيىلىك ۋاكالەتچى» گە ئائىت قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتقا ماس كېلىدۇ. بىز بۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا قارشى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش تەھدىتى ياكى ئۇرۇنۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز»