دولقۇن ئەيسا ھىندىستان ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئاخبارات ساھەسىگە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلاتتى

دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ھىندىستان ۋىزىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىشى ئارقىسىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەت ئوبېكتىغا ئايلاندى. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ۋىزا ۋەقەسى»گە قىسقىچە ئىزاھ بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قانداق ئىنكاستا ئىكەنلىكىنى دۇنيا ئاخباراتى بىلەن ئورتاقلاشتى.