خىتاينىڭ شەنشى كەيجۇۋ ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولغان يېشىل تېخنىكا شىركىتى يېقىندا قازاقىستاندا ئادەمسىز ئۈچقۇ (drone) ياساش ئەسلىھەسى، يەنى زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئەسلىھەنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدە قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېشىل تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چۇ چى (Chu Qi) ئاستانادا ئادەمسىز ئۇچقۇنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا «ئىنتېرفاكىس» (Interfax) ئاگېنتلىقىغا خىتاينىڭ شەنشى كەيجۇۋ ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى تارماق شىركىتى بولغان يېشىل تېخنىكا شىركىتىنىڭ قازاقىستاندا ئادەمسىز ئۈچقۇ ياساش زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«ئىنتېرفاكىس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىشىچە، بىرىنچى باسقۇچتا بۇ تۇرگە 12 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقات رايونى قۇرۇلۇشى 2025-يىلى 3-ئايدا ئاستانادا باشلىنىدىكەن. بۇ ئەسلىھە قازاقىستان مەبلەغ سېلىش شىركىتى قوللىغان باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش سېخى، يېڭى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى، پۈتۈن دەۋرىيلىك ماشىنا ساقلاش رايونى ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇ سىناق مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
يېشىل تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چۇ چى مۇنداق دېگەن: «زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دەسلەپتە ھەر ئايدا 300 دانە ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساشتىن باشلىنىدۇ. بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆلەملەشتۈرۈش پىلانىمىز بار. شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا دەرھال بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئادەمسىز ئۇچقۇ قۇراشتۇرۇپ ساتىمىز. زاۋۇت قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، بىز پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى قازاقىستانغا يۆتكەيمىز. چۈنكى قازاقىستاندا ھازىر ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى يوق. بىز خام ئەشيا سېتىۋېلىش ياكى قېزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. قازاقىستاننىڭ كەڭ تېررىتورىيەسى بىلەن ئاران 20 مىليون نوپۇسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، بۇ ساھەدە زور تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن قازاقىستاندا بۇ تۈرگە مەبلەغ سالىدۇ؟ بۇ تۈر ئەسلىھەنىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلار كەلگۈسىدە قازاقىستاننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەمدۇ؟
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرى خىتايغا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. ئۇچقۇلار قازاقىستاندا ئىشلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا سېتىلىدۇ. خىتاي بۇ رايون ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدۇ. خىتاي جاسۇسلۇق قىلىدۇ. بۇ زاۋۇت خىتايغا بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار تەمىن ئېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۇنتۇپ قالدى».
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساش زاۋۇتى قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋە دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تارماقلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «ئىنژېنېرلىق ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى(JSC) - خىتاينىڭ يېشىل تېخنىكا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە تېخنىكا يۆتكەش مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئارتۇر موسېندز (Artur Mosendz) «ئىنتېرفاكىس» ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن:
«بىز مەبلەغ سالغۇچى ياكى شېرىك تېپىشقا قىزىقىمىز. خەلقئارا ھەمكارلىق توغرىسىدا نۇرغۇن تەكلىپلەر بار. يېشىل تېخنىكا شىركىتىمۇ ناھايىتى قىزىقىۋاتىدۇ. بىز قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور مەبلەغ سېلىشقا تەييارمىز. بىز ئۇلار ئۈچۈن شېرىك سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشقا تەييارمىز. ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن، بىز بىر زاۋۇت قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىۋاتىمىز. بىز بۇ توغرۇلۇق بىرىنچى قېتىم كۆرۈشتۇق».
خىتاينىڭ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە گېئو-سىياسىي دىنامىكىلار ئۈستىدىكى جىددىي تەسىرىنى تەتقىق قىلغان ياگېلونىيان ئۇنىۋېرسىتېتى (Jagiellonian University) نىڭ تەتقىقاتچى كلارىس دىئاز(Claris M. Diaz) خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى.
«خىتاينىڭ قازاقىستاندا ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساشنى كېڭەيتىشى ئەلۋەتتە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتكە ئىگە. قازاقىستان ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم شېرىكى. شۇڭلاشقا بۇ تۈرنىڭ قازاقىستاندا قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ سودا ۋە ھەربىي ئۇچقۇ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدۇ. ئۇ يەنە ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە مۇداپىئە ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى قوللايدىغان قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىنژېنېرلىق ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تەشەببۇسنىڭ مۇھىم شىرىكى بولالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ئىشلەپچىقارغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىگە كەلسەك، ئىشلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ھالقىپ كېتىدۇ. دۆلەتلەر، سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىكى، تەمىنلەش زەنجىرىگە تايىنىش ۋە ئىككى تەرەپ تەڭ ئىشلىتىدىغان تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويماقتا».
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) لىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە چىقارماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ بەلگىلىمە بويىچە، خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى ئامېرىكا زېمىنىدا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدىكەن. ئامېرىكادا بىر قانچە ئىشتاتلار فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىپ، خىتايدا ياسالغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم. فلورىدا ئىشتاتى خىتاي ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن. تېكساسمۇ دۆلەت مەبلەغ سالغان تىجارەت ئۈچۈن چەت ئەللىك رەقىب دۆلەتلەردىن ئادەمسىز ئۇچقۇ سېتىۋېلىش ياكى تىجارەت قىلىشنى چەكلىگەن. ئارىزونا، ئاركانزاس، مىسسىسىپى، مونتانا قاتارلىق باشقا ئىشتاتلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلىنمەكتە.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ قازاقىستاندا ئۇچقۇ زاۋتى قۇرۇشى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زو ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قازاقىستاندا ئۇچقۇ زاۋۇتى قۇرۇشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە گېئو-سىياسىي تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىدۇ».
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 2024-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى Almaz-Antey قورال-ياراغ شىركىتىگە باغلىق Kupol IEMZ شىركىتىنىڭ شېنجېننى بازا قىلغان «قىزىل توشقان ۋېكتور سانائەت چەكلىك شىركىتى» بىلەن «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا «ئىلغار ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ «گارپىيە-3» ناملىق قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ قورالنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتتە» ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتى خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىش نۇقتىسىغا ئايلاندى ئىدى. شۇنداقلا بۇ خەۋەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
