ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى مەركەز قىلغان رەقىبلىرىگە قارشى غەلىبە قىلالامدۇ؟

0:00 / 0:00

تونۇلغان سىياسىي ئوبزورچى فىرىد زەكەرىيا (Fareed Zakaria) «ۋاشىنگتون پوچتىسى» (The (Washington Post گېزىتىدە 10-ئاينىڭ 11-كۈنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك پەيت» ناملىق بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلغان. ماقالىسىدە «غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرى دۈشمەنلەر ئىتتىپاقىغا قارشى غەلىبە قىلالىغان، يەنە قايتا غەلىبە قىلالامدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلاشقا ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىگەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:

«ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، رېۋىزىئونىستلار (ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىگە قارشى كۈچلەر، يەنى خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالى كورېيە دۇنيانىڭ 3 پەرقلىق رايونىدا—شەرقى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ئاسىيادا خەلقئارا تەرتىپنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ياۋروپادا ئۇرۇش داۋاملاشماقتا، ئاسىيادا خەتەرلىك يېڭى بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇلار سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان خەلقئارادىكى ئەڭ خەتەرلىك مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقىبلىرىنىڭ ھەممىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا قادىر ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەرب دۆلەتلىرى ئۆز قۇدرىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، رەقىبلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندىلا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دايكىر (William Duiker) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فىرىد زەكەرىيانىڭ دۇنيانىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىق پىكىرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«مەن دەيمەنكى، بىز خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە بۇ جەھەتتە ناھايىتى سەمىمىي بولغان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىقىمىزنى ئىمكانقەدەر كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئامېرىكانىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئامېرىكىنىڭ 2 ياكى 3 رايوندا، يەنى 2 ياكى 3 فرونتتا تەڭلا ئۇرۇشقا كىرمەكچى بولۇشى مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا بىزنىڭ ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاشقا شەرقىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. تەيۋەن بۇ يەردە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشتە بەك مۇھىم. دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى كۈچنىڭ، يەنى بىزنىڭ خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاشتا ئىتتىپاق ۋە ئىرادىلىك ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىشى كېرەك»

فىرىد زەكەرىيا ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى چوقۇم ماس ھالدا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى توسۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى پەقەت بىرلىككە كەلگەندىلا بۇنى قىلالايدۇ. ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەتلەر ئۇزۇن مۇددەت گۇمانلىق ۋە جىددىي ھالەتتە بولغان بۇ دۈشمەن دۆلەتلەر ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشى كېرەك. خىتاي بولسا ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدۇ، خىتاي سودا ۋە ئۆزئارا تايىنىشتىن زور پايدا ئالىدۇ. خىتايغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، تەدبىر ئېلىشمىز كېرەك».

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر كۇرت كامپبېل (Kurt Campbell) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىنقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىزگە خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىس ۋە تەھدىتلەر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى تەھدىت ۋە خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كۆپ خىل ئىستراتېگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.

10-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، NATO غا ئەزا 32 دۆلەت رەھبىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «NATO رەھبەرلىرىنىڭ ۋاشىنگتون خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان ھەمدە خىتاينىڭ NATO نىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى جاكارلانغان. بۇ NATO نىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى NATO دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ خىتاينى رۇسىيە ئارمىيەسىگە زۆرۈر بولغان «قورال زاپچاسلىرى» ۋە باشقا تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.

بۇ رېئاللىق شۇنچىلىك ئېنىق بولسىمۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىختىلاپ ۋە سوئاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىران ۋە كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقىبلەرنىڭ ھەممىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا قادىر ياكى ئەمەسلىكى، شۇنداقلا بۇ رەقىبلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ياكى تۇرمايدىغانلىقى ھەر ساھەنى قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) فىرىد زەكەرىيانىڭ پىكىرلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە قوشۇلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئالدى بىلەن دۈشمەنلىرىنى تونۇش ۋە چۈشىنىش مەسىلىسىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

«دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا بىزدە دىپلوماتىك قابىلىيەت بار. ئەپسۇس، بىز بۇ دۈشمەنلىرىمىزنىڭ بىزگە قىلغان تۈپ ھۇجۇمىنى ۋە خىرىسنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز. مەنچە بۇ قابىلىيەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تونۇش ۋە چۈشەنچە مەسىلىسى. بىز ئۇلارنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بىز بىلەن ھايات-ماماتلىق كۈرىشىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك. يەنى بىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىمىز، ئەگەر بىز بۇ ھۇجۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتمىسەك، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمىز. يەنى، دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايمىز».

گوردون چاڭ يەنە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا ئامېرىكا ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەۋزەللىكنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇ تەھدىتلەرگە ئامېرىكىنىڭ يالغۇز تاقابىل تۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دوستلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىللە خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەدىن كۆپ كۈچلۈك. شۇنداق، بىز غەلىبە قىلالايمىز. جەمئىيىتىمىزنى داۋاملىق كۈچلۈك ساقلاپ قالساق ۋە بۇ دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تۈپ خىرىسىنى ھەقىقىي چۈشەنسەك، دۈشمەنلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز».