خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى تەشۋىقاتلىرىدا خىتاي سالنامىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەن چاۋغا دائىر رىۋايەتلەرنى قايتىدىن سەھنىلەشتۈرۈپ چىققان ھەمدە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تارىخىي رىۋايەتلىرىدىكى بەن چاۋنىڭ غەربىي يۇرتتىكى پائالىيەتلىرىنى قەشقەرگە باغلاش تەشۋىقاتىنى ئەۋجىگە چىقارغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئايدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قەشقەردە تەييارلانغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «بەن چاۋ» 21-نۆۋەتلىك «خىتاي-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى» دە مۇكاپاتلانغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوپېرا 2014-يىلى خىتايدا ئىشلەنگەن «بەن چاۋ» ناملىق كارتون فىلىمىغا ئاساسلانغان. ئۇنىڭدا شەرقىي خەن سۇلالىسى (مىلادى 25-220-يىللار) دەۋرىدە غەربىي رايونغا ئەۋەتىلگەن بەن چاۋنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ قەشقەر يېڭى شەھەردىكى قاراۋۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ جەرياندا ھونلار بىلەن «جەڭ قىلغانلىق تارىخى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن
ھالبۇكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ غەربىي دىيار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەلچى بەن چاۋ پەقەت خىتاي تارىخىي كىتابلىرىدىكى رىۋايەت ئىكەن. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ توقۇلمىلارنى قوشۇپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى خەن سۇلالىسىگە باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور قاھار باراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى بەن چاۋ ھەققىدىكى بايانلىرى پەقەت خىتاي سالنامىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە بەن چاۋ ھەققىدە باشقا تارىخىي يازمىلار تېپىلمىغان.
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ توقۇلمىلارنى قوشۇپ، ئۇنى تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ غەربىي دىيار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىسپاتى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تۈمەن دەرياسى بويىغا توغرا كېلىدىغان خارابىلىك نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا «غەربى دىياردىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان سۇللىغ خان ئوردىسى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا «مىلادىيە 73-يىلى بەن چاۋ بۇ يەردە بارگاھ قۇرغان ھەمدە بۇ يەرنى بازا قىلىپ، ھونلارنى تىنچىتىپ، غەربىي دىيارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان» دېيىلگەن. خىتاي ھەتتا بۇ خارابىلىكنىڭ يېنىدىكى يولغا «بەن چاۋ يولى» دەپ نام بەرگەن.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تارىخى مەنبەلەردە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ پايتەختى قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمىي شەھەر. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەھەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەن سۇلالىسىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىنىشى ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەلچى بەن چاۋنىڭ ئەسكەر باشلاپ غەربىي دىيارغا كېلىپ، ھونلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلغانلىقى ھەققىدىكى توقۇلما ھېكايىلەرنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈپ بازارغا سېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەھەر قەشقەردىكى تارىخىي ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ۋە «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان «بەن چاۋ» رىۋايىتىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بەن چاۋ رىۋايىتى» نى تەشۋىق قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا «بۇ زېمىن تارىختىن بۇيان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە «بەن چاۋ» رىۋايىتىنى قايتا بازارغا سېلىشى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكادىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى خىتاي سۇلالىلىرى تارىخى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئولپان تۈزۈمى ھەققىدە 2024-يىلى 1-ئايدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي تارىخىدىكى سۇلالىلەرنىڭ غەربىي رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي سۇلالىلىرىگە باغلاش ئارقىلىق ئاشۇ ۋاقىتلاردىلا بۇ جايلار خىتاينىڭ زېمىنى، دەپ داۋراڭ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ 751-يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان مىڭ يىل ئىچىدە بۇ رايوندا ھېچقانداق سىياسىي تەسىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتايلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان مىللىي دۆلىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
