ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى ۋە بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى ھەققىدىكى تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) 2024-يىللىق زور ھەجىملىك دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي مۇددىئالىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
18-دېكابىر « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج) نىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتى-2024» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان 182 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ھەر تەرەپلىمە مەلۇماتلار ئاساسىدا توپلانغان ئومۇمىي مەنزىرە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (خ خ ئا ئا) نىڭ چىرىكلىكتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن خ خ ئا ئا نىڭ زامانىۋىلىشىشتەك باش نىشاندىن قىلچىمۇ قايماسلىقتەك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى تولۇق شەرھلەپ بېرىلگەن. چۈنكى خىتاي ئارمىيەسىدىكى چىرىكلىك ئۇلارنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چېتىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىزچىل خ خ ئا ئا دىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تۈگىتىش ياكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى ھىمايە قىلىش ۋە «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا زېھىن قويۇپ كەلگەن. نەتىجىدە 2023-يىلىنىڭ ئۆزىدە ئاز دېگەندىمۇ 15 گېنېرال چىرىكلىككە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇمۇ دەل مۇشۇ مەسىلىدە «نەپسىنى يىغالمىغانلىقى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2023-يىللىق ھەربىي خىراجەت خام چوتى 220 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا بۇ ساننىڭ يېرىمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ خىراجەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەربىي قوشۇننى كېڭەيتىشكە ئەمەس، ئەكسىچە ھەربىي قورال-ياراغلارنى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ساھەسى، تور ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ھۆكۈمران بولۇش دېگەنلەرگە سەرپ قىلىنغان بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئېھتىياج ئاساس قىلىنغان. بۇنىڭدا يادرو قوراللىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خ خ ئا ئا نىڭ يادرو بومبىسى 600 دىن ئېشىپ كەتكەن؛ 2030-يىلىغا بارغاندا بۇنىڭ سانىنى مىڭدىن ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان. دوكلاتتا ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن بىر نۇقتا شۇ بولغانكى، دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا شۇنچە جىددىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېگىز-پەسلىك قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ خىتاينىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى باش يېتەكچى ئىدىيەسى، يەنى خ خ ئا ئا ئارقىلىق دۇنيا تەرتىپىنى خىتاينىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لايىھەسى قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى» نىڭ خادىمى، دوكتور ئېلىي راتنېر بۇ خىلدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭمۇ تېگىشلىك تەييارلىقى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:
«ئەمما بۇ يەردىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ناۋادا باشقا بىر دۆلەت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇدرىتى ھەققىدە مۇشۇنداق يىللىق دوكلات تەييارلىسا شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا غايەت زور دەرىجىدە ئۆزىنى كۈچەيتىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىمىزنى، شۇنىڭدەك ھىندى-تىنچ ئوكيان تەۋەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىمىزنى يازغان بولاتتى. چۈنكى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاللىقاچان خ خ ئا ئا نىڭ ئەڭ چوڭ خىرىس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خامچوتىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمى ھازىر مۇشۇ ساھەگە سەرپ بولۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز ئۆز ئىقتىدارىمىز يەتكەن دائىرىدە مەبلەغ سېلىۋاتىمىز. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بايلىق ۋە ئىختىرالارنىڭ خ خ ئا ئا نىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى، جۈملىدىن ئېكسپورت چەكلىمىسى ۋە مەبلەغ چەكلىمىسى ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز.»
خ خ ئا ئا ئەنە شۇ تەرىقىدە شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويلىرىنى نىشان قىلغان ھالدا ھەربىي قۇۋۋىتىنى كېڭەيتىۋاتقان بولسىمۇ، دوكلاتتا خ خ ئا ئا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم خىرىسلارمۇ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بىرى، خ خ ئا ئا سىستېمىسىدا تېخى زور كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلاپ قالسا بۇنىڭغا ئوڭۇشلۇق ھالدا قوماندانلىق قىلىپ كېتەلەيدىغان قابىل رەھبەرلىك كوللېكتىپى مەۋجۇت ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە قاراپ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى ماسلاشتۇرالايدىغان، لازىملىق جايغا لازىملىق ھەربىي قوشۇننى ماڭدۇرۇشنى بىلىدىغان، بولۇپمۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا چېچەنلىك بىلەن توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان گېنېراللار قوشۇنى كەمچىل. بۇ نۇقتىنى شى جىنپىڭمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ھەربىي دوكلاتلىرىدا بۇ ھەقتىكى رېئاللىق تىلغا ئېلىنغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئارمىيەسى سان ۋە سۈر-ھەيۋە جەھەتتە قۇدرەتلىك كۆرۈنسىمۇ ئۇلاردىكى يەنە بىر ئەجەللىك ئاجىزلىق ئۇلاردىكى ئۇرۇش تەجرىبىسىنىڭ كەملىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خ خ ئا ئا ئىزچىل 1979-يىلىدىكى ۋيېتنام ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئۇرۇش تەجرىبىسىدە قېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغا قەدەر بىرەر چەتئەل قوشۇنى بىلەن زور كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىپ باقمىغان. ئۇلاردىكى بارلىق ئۇرۇش تەجرىبىلىرى پەقەت خىتاي تەۋەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەربىي مەشىقنى ئاساس قىلغان.
خ خ ئا ئا ئەنە شۇ تەرىقىدە جان-جەھلى بىلەن ھەربىي كېڭەيمىچىلىككە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ يېقىن ئارىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىش-قىلماسلىقى يەنىلا كۆپلىگەن سوئاللارغا تولغان بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتور ئېلىي راتنىي مۇنداق دەيدۇ:
«بىزنىڭ بۇنچە ئىشەنچ بىلەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئولتۇرۇشىمىزدىكى بىر سەۋەب دەل مۇشۇنىڭدا. بىز خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى ئىش، دەپ ئېيتالمايمىز؛ بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپمۇ قارىمايمىز. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ تەھدىت راستتىنلا مەۋجۇت، يەنە كېلىپ بۇ تەھدىت بەكلا كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما خ خ ئا ئا بۇ ئۇرۇش خىرىسلىرىنى ھەل قىلماقچى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن تەييارلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزلىرى قوبۇل قىلالايدىغان تەننەرخ بىلەن تەيۋەنگە قىسقا ۋە شىددەتلىك شەكىلدە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار ھازىرغىچە تېخى بۇنداق قىلىپ باقمىدى، ئەمما ئۇلار دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. بىز بۇ يىللىق دوكلاتتىن كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ مەسىلە. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلغا قارىغاندا ئۆز نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان ياكى يېقىنلاشمىغانلىقىغا بىرنەرسە دېمەك يەنىلا قىيىن.»
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ خىتاي ئارمىيەسى ھەققىدىكى 2024-يىللىق ھەربىي دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىمۇ خېلى كەڭرى يەر ئالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خ خ ئا ئا بەش ئۇرۇش رايونىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ماكانلاشقان جايلار چوڭ جەھەتتە ئۇلارنىڭ «غەربىي ئۇرۇش رايونى» دېگەن قىسمىغا تەۋە. «شىنجاڭ ھەربىي رايونى»، «تىبەت ھەربىي رايونى» ۋە «بېيجىڭ ھەربىي رايونى» ئادەتتە «مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى» دەرىجىسىدە بولۇپ، «مەركىزىي ھەربىي كومىتېت» نىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسلىق ھەربىي قىسىم خىتاينىڭ 84-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن تارماق قىسىملىرى مەۋجۇت. خىتاي كومپارتىيەسى ئىزچىل بۇ رايونلارنى «ئەڭ خەۋپلىك ماكان» دەپ قاراپ كەلگەن، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر ئېلىنى «ئۈچ خىل كۈچنىڭ ئۇۋىسى» دەپ بېكىتكەن. بۇ ھەربىي رايون ئاساسەن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر ھەمدە تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى بىر ياقلىق قىلىشقا مەسئۇل. دوكلاتتىكى بايانلاردا خىتاينىڭ مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان ھالدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل شىنجاڭ، تىبەت ۋە تەيۋەن رايونلىرىنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات نىشانلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ رايونلار ھەرقاچان تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن مۇستەقىل بولۇشقا ئىنتىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان تەھدىت، دەپ قارايدۇ» دېيىلىدۇ. دوكلاتتا مۇشۇ ئەھۋاللار ئەسكەرتىلىپ «خىتاي ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ رايونلارنىڭ يەرلىك نوپۇسىنى شالاڭلىتىش، تولۇق كونترول قىلىش ۋە ئاخىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى يەرلىك مەدەنىيەتنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈپ تۈگىتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ» دېيىلگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نەقىل ئېلىنىپ «2023-يىلى ئاۋغۇستتا شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم، دەپ كۆرسەتمە بەرگەن» دېيىلگەن.
ھالبۇكى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەتلەر بىلەن توشقان يالغان-ياۋىداقلار» دەپ ئەيىبلىدى. شۇنداقلا بۇ دوكلاتنى «ھەقىقەتتىن كۆپ يىراق» دەپ ئىنكار قىلدى.
