26-فېۋرالدا تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە چاقىرىلغان «Rights con25 Taipei» يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى يىغىندا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەگە تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات بەرگەن غەيۇر قۇربان ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مۇشۇ دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە «Rights con25 Taipei» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان چوڭ خەلقئارالىق يىغىندا بۈگۈن خەلقئارادىكى چوڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ۋە بىرمادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا قانداق يانتاياق بولۇۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ تەسىرى ۋە بۇنى قانداق قىلغاندا چەكلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

24-فېۋرالدىن 27-فېۋرال ئاخشامغىچە داۋاملاشقان «Rights con25 Taipei» ناملىق يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا يۇقىرى تېخنولوگىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنغان. غەيۇر قۇربان ئەپەندى 26-فېۋرال كۈنىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇچۇر-ئالاقە پەن-تېخنىكىسى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۇ دۇنيادا، كۈندىلىك ھاياتىمىزنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە باشقا ئىنتېرنېت يۇمشاق دېتاللىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى نەق مۇشۇ ساھەلەردە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭكى چىراي-تۇرقى ھەققىدىكى ماتېرىياللىرى، قان ئەۋرىشكىلىرىنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ياساپ چىققان يۈكسەك ئىقتىدارلىق چىراي تونۇش، ئاۋاز تونۇش ۋە باشقا ئىنتېرنېت رازۋېدكا قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكۈزدى. مەن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان مەملىكەت سىرتىدىمۇ كەڭ تارقىلىۋاتقان خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاتتىم.»
ئىگىلىشىمىزچە تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدا ئېچىلىۋاتقان يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 3500 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، غەيۇر قۇربان دوكلات بەرگەن چوڭ زال يىغىن ئەھلى بىلەن تولغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن 26-فېۋرال كۈنى يەنە بىر يىغىندا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق ھەيئىتى25-فېۋرال كۈنىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
