ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زۇلمەتلىرىنى يېرىپ ئۆتكۈچى نۇر

بۇ ئوبزورنى دوكتۇر رىشات ئابباس تەييارلىدى
2025.04.18
Dr. Rishat Abbas دوكتۇر رىشات ئابباس – تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى ۋە كىلىنكىلىق تەتقىقات ساھەسىدىكى بايراقدار تەتقىقاتچى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى.
Photo: RFA

كومۇنىزىم تۈزۈمىدىكى خىتايدا بالىلىق كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزۈۋاتقان 1970-يىللىرى دۇنيادا، خىتايدا، ھەتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان («شىنجاڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتىمىز يوق ئىدى. بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكە قىلىنىۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇچۇر دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ 24 سائەت كومۇنىستىك تەشۋىقاتلارغا كۆمۈپ تاشلىنىدىغان خەلقلەر ئۈچۈن ھەقىقەتنى بايقاش ھېچقاچان ھەشەم ھېسابلانمايتتى. ئەكسچە بۇ بىر تۈرلۈك ئىنتىلىش بولۇپ، بەزىدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمىزنى دوغا تىكىشكىمۇ مەجبۇر بولۇپ قالاتتۇق.

شۇ كۈنلەرنى ھازىرمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن: دادام قاراڭغۇ تۈنلەردە بىزنى يىغىپ كونىراپ كەتكەن رادىيومىزنى تەڭشەشكە باشلايتتى، ئاندىن چەتئەل رادىيولىرىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىدىن ۋەتىنىمىزدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەيتتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بولغان قاتتىق نازارىتى ۋە چەتئەل ئۇچۇرلىرىغا ئىنتىلگۈچىلەرنى قاتتىق جازالىشى داۋام قىلىۋاتقان ئۇ يىللاردا بۇ خىلدىكى رادىيو ئاڭلاشلار ھۆكۈمەتكە بولغان قارشىلىق، دەپ قارىلاتتى.

ئۇ چاغلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يىگانە ئۇچۇر مەنبەسى ھېسابلىناتتى. ئەمما بىز يەنىلا خېيىم-خەتەرگە قارىماستىن ھەقىقى خەۋەرلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتۇق. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمىزدە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق چوڭلۇقىدىكى بىر رادىيو بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىم يوللىرى يالتىراپ تۇراتتى. دادام ھەر ئاخشىمى قوللىرى بىلەن ئۇنى ئاۋايلاپ تەڭشەيتتى: بەزىدە راديو سىگنالى ئوچۇق بولسىمۇ يەنە بەزىدە بۇنىڭغا كۈچلۈك شاۋقۇن-سۈرەنلەر ئارىلىشىۋالاتتى. ئەمما ئاشۇلار بىز تاشقى دۇنيادىن ھەقىقى خەۋەرلەرنى ئاڭلايدىغان بىردىن-بىر مەنبە ھېسابلىناتتى.

دادام ھەرقاچان بىزنى شۈك بولۇشقا ئۈندەيتتى ۋە چەتئەل رادىيوسى ئاڭلىغانلىقىمىزنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جېكىلەيتتى. ئۇ «ئەگەر خىتاي كومۇنىستلىرى بۇنى بىلىپ قالسا بىزنى بەك ئېغىر جازالىۋېتىدۇ» دەيتتى. ئۇ چاغلاردا بىزلا رادىيو ئاڭلايمىز، دەپ ئويلايتتۇق. ئەمما 1980-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنچە رادىيو ئاڭلايدىغانلىقىنى، يەنى مۇشۇ تەرىقىدە زۇلمەتتىكى چەتئەل سادالىرىدىن خەۋەردار بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولدى. ئەمما كومۇنىستىك خىتاي ئامان قېلىپلا قالماستىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەرپ دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ تۈزۈلمە ياراتقان تەھدىتلەرنى تونۇپ يەتمەسلىكى تۈپەيلىدىن تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دۇنياۋىي زور كۈچكە ئايلىنىپ، ئامېرىكا ۋە دېموكراتىك دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مىللىي خەۋپسىزلىك تەھدىتى بولۇپ قالدى.

بارچە ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەرگە ئوخشاش كومۇنىستىك خىتايمۇ زورلۇق كۈچى، شۇنداقلا ھەقىقەتنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى»دىن تاكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد) ۋاباسىغىچە خىتاي ئىزچىل تۈردە جامائەت پىكرىنى مونوپول قىلىپ كەلدى ۋە تارىخنى قايتا يېزىپ چىقتى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئۇچۇر ۋاستىسى ھەم قورال ھەم قالقان بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بولغان مۇتلەق كونتروللۇقى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھېچقانداق خىرىسقا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەمما بۇ يەردە بۇ تۈزۈم ھەممىدىنمۇ بەك قورقىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەت ئىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئىشلىتىش بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئەكسىچە ئۇنى ئۆز نەزىرىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلىرىگە قارشى قورال سۈپىتىدە قوللاندى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ بىر مىليارد تۆت يۈز مىليون نوپۇسنى 75 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئوڭۇشلۇق ئىدارە قىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئۆزى خالىغان يولغا سېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن تۈپكى ئامىل ھېسابلىناتتى.

دەل شۇنداق بولغانلىقتىن 1998-يىلى نويابىردا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (ر ف ئا) ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىر تارىخىي دەقىقە بولۇپ قالدى. نىھايەت يىللاپ زۇلۇمغا سەۋر قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر ھالدا ئاۋازى بار بولدى. بۇ سادا ئۇيغۇر خەلقى 1949-يىلىدىن بۇيان كومۇنىستىك خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا باشتىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ۋەھشىلىكلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان ئاۋاز ئىدى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئەركىن دۇنيانىڭ يېېتەكچىسى بولغان ئامېرىكىدا يانغان ئۈمىد ۋە ئادالەتنىڭ بۇ چىرىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدى. تەبىئىيكى، خىتاي بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلىگەن ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاغزىدىن تۇنجى مۇستەقىل خەلقئارالىق ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جان-جەھلى بىلەن قارىلىغانىدى. چۈنكى خىتاينىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىدا ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان بىر مۇستەقىل ئاۋازغا ئىگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى. كومۇنىستىك تۈزۈمگە قارشى چىقىشقا جۈرئەت قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاۋازى «بۆلگۈنچى»، «ئاشقۇن» ياكى «تېرورچى» دېگەن قالپاق بىلەن تېزلا ئۇجۇقتۇرۇلاتتى ھەمدە غايىپ قىلىناتتى.

بۇ ھال 2017-يىلىدىن بۇيان تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ كەلدى. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت مىليونچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىپ، خىتاي باشقۇرىشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشكە باشلىغان ئىدى. بىر پۈتۈن مىللىي تۈركۈمنى سىستېمىلىق نىشانغا ئېلىشتەك بۇ قىلمىشنى بىرىنچى ترامپ ھۆكۈمىتى ئاخىرقى ھېسابتا «قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ خۇلاسىلىدى. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ئەيىبلەشكە ئاۋاز قوشتى. ئارقىدىنلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىك كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىلدى.

بۇ يوسۇندىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئېتىراپنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىق مەلۇماتلىرى سەۋەبىىدىن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئۆچ ئېلىش تەھدىتلىرىگە قارىماستىن ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى ھېچنەرسىدىن قورقماستىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئورۋېل»چە دۆلەت نازارىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردى ۋە پاش قىلدى.

ئامېرىكا دۇنياۋى تاراتقۇلار ئاگېنتلىقى (USAGM) ئۆز ۋاقتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى جەسۇر مۇخبىرلارنىڭ بۇ ساھەگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (ش ئۇ ئا ر) دا 2017-يىلىدىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق خەۋپسىزلىك كونتروللۇقى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زور كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى تۇنجى بولۇپ پاش قىلغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى بۇ ئەھۋاللاردىن تېخى خەۋەرسىز ئىدى. شۇندىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى دەل مۇشۇ زور ئىنسانىيەت بۆھرانىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقەلەرنى پاش قىلغۇچى ئاچقۇچلۇق ھادىسىلەرنى، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان يۈزى ۋە تەرەققىياتىنى غەيرەت-شىجائەتتە تىنىمسىز رەۋىشتە پاش قىلىپ كەلدى. شۈبھە قىلىش ھاجەتسىزكى، ئاساسلىقى مۇشۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خېيىم-خەتەر ۋە تەھدىتلەرگە پەرۋا قىلماستىن جەسۇرانە ئاخباراتچىلىق خىزمىتىنى داۋام قىلدۇرۇشى تۈپەيلىدىن بۇ كىرىزىس دۇنياۋى ئېتىراپقا ۋە دىققەتكە سازاۋەر بولدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى خەۋەر مۇلازىمىتىدە يۈكسەك پەللىگە يېتىپ، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىيىن، مۇرەككەپ ۋە مۇھىم ھېكايىلەرنى دىققىتىمىزگە سۇنۇپ كەلمەكتە».

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تاقىلىشى بىر پاجىئە بولغۇسىدۇر. ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا ئازاپ چېكىۋاتقان خەلق ئۈچۈن بۇ ئاساسلىق ئۈمىد نۇرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا «سىلەر ئۇنتۇلدۇڭلار! ھېچقانداق مەملىكەت، ھەتتا ئامېرىكىمۇ ئەمدى سىلەر بىلەن كارى بولمايدۇ» دەيدۇ. بۇ ھال يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئادالەت، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئامېرىكىغا تەلمۇرىۋاتقان خىتاي مىقياسىدىكى مىليونلىغان كىشىگە قارشى كۈچلۈك بىر روھىي زەربە بولىدۇ.

ناۋادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تاقىلىشىغا يول قويسا ئۇ ھالدا بىر پۈتۈن خەلقنى، شۇنىڭدەك ئۇچۇر ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى ساختىپەزلىك بلەن گۈللەپ-ياشناۋاتقان بىر تۈزۈمگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ساقلاپ قېلىش ئەرزىيدىغان بىر ئىش. يەنە كېلىپ بۇ مەزكۇر رادىيو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەرپ قىلغان ھەر بىر تىيىن پۇلغا ئەرزىيدىغان بىر ئىش. ئۇنى ساقلاپ قېلىش ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مەنىۋىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشىغا يول ئاچىدۇ. بۇ ھال قىرغىنچىلىق، زۇلۇم ۋە يوقىتىلىشقا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر خەلقنىڭ بەردەملىكى ھەققىدىكى ھەقىقەتنىڭ داۋاملىق ھالدا سۆزلىنىپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر.


دوكتۇر رىشات ئابباس –

تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى ۋە كىلىنكىلىق تەتقىقات ساھەسىدىكى بايراقدار تەتقىقاتچى سۈپىتىدە بىئولوگىيەلىك داۋالاش ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆسمە كېسەللىكلىرى ۋە باشقا داۋالاش ساھەسىدە يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىرنەچچە خىل دورىلارنىڭ كىلنكىلىق تەتقىقاتى ۋە تەستىقلىنىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان.

كەسپىي خىزمەتتىن باشقا دوكتۇر رىشات ئابباس يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلدۇرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش قىلمىشلىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى باستۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى پائال كىشىلىك ھوقۇق ھېمايىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە رىشات ئابباس ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ دۇنياۋى بىرلىك تورى بولغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»نىڭ رەئىسى بولۇپ، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ياپونىيە، ئاۋىسترالىيە، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا تارماق جەمىيەتلىرى بار.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دۇنياۋىي تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرىگە قارشى تۇرۇش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتى، ئىلمىي مۇئەسسەلەر ۋە غەيرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە. دوكتۇر رىشات ئابباسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۇنجى بولۇپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن بەشىنچى يىللىقىغىچە ئىشلىتىلىدىغان ئ‍ۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە رەسمىي نەشىر قىلدۇرغان. 2024-يىلى مايدا بۆسۈش خاراكتېرلىك بۇ نەتىجە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە سازاۋەر بولغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇملىرىغا جاۋابەن ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بەردەملىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن ئىجادىي تەلىم ۋاستىلىرى نۇقتىلىق ھالدا نامايەن قىلىنغان.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.