پېشقەدەم ئىنقىلابچى، جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا ۋاپات بولدى

ئەسىرگە سوزۇلغان ۋەتەنسىزلىك (1-قىسىم) پېشقەدەم ئىنقىلابچى غۇلامىدىن پاختانىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم

ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ھۆررىيىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى بېغىشلىغان پېشقەدەم ئىنقىلاپچى، سىياسەتچى، ھارماس پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى 2025-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە نيۇ-يوركتا 95 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ قاناللىرى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ قايغۇلۇق ھېسسىياتى ۋە ئاخىرەتلىك تىلەكلىرىنى بىلدۈرمەكتە.