خىتاي تۈرمىسىدىكى گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللانىڭ ئېچىنىشلىق سىماسى نېمە دەيدۇ؟
2024.11.08
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرىدىن گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللانىڭ 15 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن، يەنى خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىل 26-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تارقىتىشقا باشلىغان «زۇلمەت قاپلىغان ئۈرۈمچى» ناملىق ھۆججەتلىك تەشۋىقات فىلىمىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈنۈشى، مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇردى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان «سەلكىن تورى» نىڭ باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن بىلەن خىتاي مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەمەتجان ئابدۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن ئۇزۇن يىللارغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان ئىدى. ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللانىڭ ئېغىر ئىسكەنجە ئاستىدىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تۈرمە مۇھىتىدا سىقىلغان بىر كەيپىياتتا ئېكراندا پەيدا بولۇشى، ئۇلارنى ياخشى بىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى لەختە-لەختە قىلدى.
خىتاي ئىشلەپ تارقاتقان بۇ فىلىمدا گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللا قاتارلىق تۇتقۇنلار فىلىمنىڭ ئوخشىمىغان بىر قانچە جايلىرىدا كۆرسىتىلگەن. ئۇلار كامېرا ئالدىدا سۇلغۇن بىر كەيپىياتتا خىتاي مۇخبىرىغا ئۆزلىرىنى «توپىلاڭچى» دەپ ئەيىبلىگەن. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بېرىشىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە چەت ئەلدىكى ئالغان بىر قىسىم «بۆلگۈنچى كۈچ» لەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇنداقلا «ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى» نى تىلغا ئېلىشقان.
ئۇنداقتا، گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللا قاتارلىق مەھبۇسلار بۇ سۆزلەرنى قانداق بىر بېسىم ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا ئېيتتى؟ ئۇلارنىڭ زەئىپلەشكەن جىسمانىي كۆرۈنۈشى، سۇلغۇن روھىي ھالىتى، چىراي ئىپادىسىگە سىڭىپ كەتكەن چوڭقۇر ئىزتىراپلىرى، شۇنداقلا تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان روھىي دۇنياسى كۆرۈرمەنلەرگە قانداق بىر ئۇچۇر ھەم ئىددىئانى بەرمەكتە؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «ئۇيغۇر مەھبۇسلار زۇلۇم ۋە تەھدىت ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆزى قارىلاشقا ۋە ئەيىبلەشكە مەجبۇر»
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ فىلىمىدا 15 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كامېرا ئالدىدا ئۆزلىرىنى «جىنايەتچى»، «تېررورچى»، «بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلىشىنى كۆرۈپ، كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات فىلىمىدىن گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللانى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، 15 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ئۇچرىغان ھەر خىل زۇلۇم ۋە قىيناقلارنىڭ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا قالدۇرغان كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بۇ فىلىمنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېس قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئېغىر ئىسكەنجىنىڭ كامېرا ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى «جىنايەتچى» دەپ ئەيىبلەشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنلا تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، «خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش جەمئىيىتى» ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى بۇ چاقىرىقلارغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.
روشەن ئابباس: «بۇ فىلىم خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆزىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشىنىڭ مەھسۇلى»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، «زۇلمەت قاپلىغان ئۈرۈمچى» ناملىق بۇ فىلىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە ئۆزىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ساختا تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەتمۇ بۇ فىلىم ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:
«مەن ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ فىلىمدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا پەقەتلا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان ياكى ئۇلار ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ۋە غەزەپلەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ فىلىمدا ئۇلار بۇ خىل شەكىلدە ئۆز ‹جىنايەت› لىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنلار بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيداندا بولغاچقا، ھېچقانداق خەلقئارالىق قىممەت ئۆلچەملەرگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت. مەن بۇ فىلىمدا گۈلمىرەنى كۆرگىنىمدە، ئۇنى تونۇيالمايلا قالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاپئاق چاچلىرى، قارايغان چىشلىرى، شۇنداقلا ھەممە كۆرۈنۈشلىرى ئۇلارنىڭ تۈرمىدە ئۇزۇن يىللىق جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئىلشات ھەسەن: «بىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان رەزىللىكلەر بار، ئەمما خىتاي قىلالمايدىغان رەزىللىكلەر يوق!»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكا ۋە زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىمىدا، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى چەت ئەلدىكى «بىر ئۇچۇم شەرقىي تۈركىستانچى بۆلگۈنچى، تېررورچى، ئاشقۇن كۈچ» تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى كىشىلەرگە ئىشەندۈرۈشكە؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ ھەقلىق ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ، بۇ فىلىمدىكى «ئۇيغۇر مەھبۇسلار» نىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» نى ئىقرار قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە جىسمانىي كۆرۈنۈشىدىكى ئادەم ئىشەنگۈسىز ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىتلارنى كۆرسىتىشكە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئابدۇللانىڭ 15 يىلدىن كېيىنكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھالىتىنى كۆرۈپ: «بىز ئويلاپ يېتەلمەيدىغان رەزىللىكلەر بار، ئەمما خىتاي قىلالمايدىغان رەزىللىكلەر يوق! » دېدى.