ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-مارت، شىۋېتسىيە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-مارت، شىۋېتسىيە. (RFA/Erkin Tarim)

0:00 / 0:00

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى بىلەن 15-مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئۇلار قوللىرىدا كۆك بايراق ۋە ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى چوڭ مەيداندا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

بىز گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە تېلېفون قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى ئامانگۈل خانىم ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاياللار نامايىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلنار خانىم گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 ئەتراپىدا خانىم-قىزنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ميۇنخېندا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن مەيدان ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، نامايىش جەريانىدا كۆپلىگەن نېمىس ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر نامايىشچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ سوراپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلانغان ۋاراقچىلارنى قىزىقىپ ئالغان. بۇ ھەقتە گۈلنار خانىم مەلۇمات بەردى.

نامايىش ھەقققىدە يەنە سۇرەييە خانىممۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان نەۋباھار خانىم بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن نامايىشقا كەلگەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بايانات بېرىپ، ھەر دائىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەخمەتجان ئەپەندى نۆلدىن تۆۋەن 8 گرادۇس سوغۇقتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشقا كېلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇمىنى ئاڭلاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

15-مارت كۈنى يەنە لوندوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

15-مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئالدىدا، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 14 دۆلەت 17 شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نارازىلىق پائالىيىتى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى نامايىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.